Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھايۋانات ئېكولوگىىيىسى
بىئولوگىيە
ئېكۇلوگىيىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ياشاش قانۇنىيىتى ھەمدە ھايۋانلار بىلەن مۇھىت (جانلىق مۇھىت بىلەن جانسىز مۇھىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ. يەنى ھايۋانلار بىلەن جانلىق ۋە جانسىز مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ئاساسەن ھايۋانلار يەككە تەن ئېكۇلوگىيىسى بىلەن ھايۋانلار تۈر توپى ئېكولوگىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھايۋانلار يەككە تەن ئېكولوگىيىسى ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتى، ئادىتى، كۆپىيىشى، ياشىشى، سانى، تارقىلشى ۋە ھايۋانلار يەككە تەنلىرىنىڭ تۈر توپى بىلەن تۈركۈم ئىچىدكى مۇناسىۋىتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۈزۈلۈشتىكى جانسىز مۇھىتقا ماسلىشىشى بىلەن فۇنكىسىيىسىنىڭ تەڭشىلىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدۇ. ھايۋانلار تۈر توپى ئېكولوگىيىسى ھايۋانلار تۈر توپلىرى ھەمدە تۈركۈملىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدۇ. ھايۋانلار ئېكولوگىيىسىنىڭ ئاساسلىق تارماقلىرى: ھاشارات ئېكولوگىيىسى، پارازىت قۇرت ئېكولوگىيىسى، قۇشلار ئېكولوگىيىسى، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئېكولوگىيىسى ۋە ئىنسانلار ئېكولوگىيىسى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىشلەپچىقىرىش، مېدىتسىنا ۋە ئالەم بوشلۇقىغا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق جەھەتلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان ئەمەلىي ئېكولوگىيىمۇ بار. مەسىلەن، ياۋايى ھايۋانلارنى باشقۇرۇش ئىلمى، رادىئوئاكتىۋ ئېكولوگىيە ۋە ئالەم بوشلۇقىغا يۈرۈش قىلىش ئېكولوگىيىسى قاتارلىقلار. ھايۋانلار ئېكولوگىيىسى زىيانلىق ھاشاراتلارنى ئالدىن ئۆلچەپ ئالدىن خەۋەر قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش، بېلىق تۇتۇش ۋە بېقىش، تەبىئىي مەنبەلەرنى قوغداش ھەمدە مۇھىتنى ئاسراشتا مۇھىم يېتەكچىلىك قىلىش ئەھىمىيەتكە ئىگە.