Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھاي ھۈي دېگۈچە
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ناھايىتى تېز، تېزلىكتە.
ئاستا - ئاستا، ئالدىرماي - سالدىرماي، ئالدىرماي، بىر ۋاراقى
بەك تېز ئەمەس، پەيدىنپەي، تەدرىجىي
مۇسۇلمانچىلىق ئاستا - ئاستا. ئالدىرماي ماڭغان مەنزىلىگە بالدۇر يېتىدۇ. ئىشنى ئالدىرماي - سالدىرماي پۇختا قىل. يالغان قۇيرۇق دەرھال ئۈزۈلىدۇ. ھەقىقەت يېقىنلاشسا، سەپسەتە دەررۇ قاچىدۇ. نامنى ساقلاش ئۆمۈرلۈك ئىش، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇش ھەش - پەش دېگۈچە. بۈگۈنىڭىز كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئەتىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. كىم بىلىدۇ، بەخت سىزدىن ھايت - ھۇيت دېگۈچە كېتىپ، باشقا بىرىنى تېپىۋالار. ھاي - ھۇي دېگۈچە كەچ كىرىدۇ. ئەتىڭىزنى ئويلىدىڭىزمۇ؟ ئىشىمىز بىر ۋاراقى ئىزغا چۈشتى.