Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھايات ۋاقتىدا مۈلۈكنى تەقسىم قىلىۋېتىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا مال - مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا مال - مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىۋېتىش ياكى ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىش ھەرىكىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇنىڭ ئاساسىي شەكلى ئىئانە قىلىش ياكى ۋەخپە قىلىۋېتىشتىن ئىبارەت بولۇپ، ئىئانە ۋە ۋەخپىگە مۇناسىۋەتلىك قائىدە - نىزاملارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئىئانە قىلىنىدىغان مال - مۈلۈكنىڭ چەكلىمىسى بولمايدۇ. ئۇنى ئىئانە قىلغۇچى ھەرقانداق شەخسكە ياكى گۇرۇھقا (مەسىلەن، مەسچىت، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلارغا) بەرسە بولۇۋېرىدۇ.