Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھايات مامات
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياشاش بىلەن ئۆلۈش ھەققىدىكى جىددىي ھالەتكە كەلگەنلىكى ھەققىدە.
ھايات - مامات جېڭى بولۇۋاتقاندا، قەيسەر ھايات، ئاجىز مامات بولىدۇ. يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ مىليونلىغان ئەل، قانلىق مەيدانغا چۈشتى مەھكەم باغلاپ بەل. بۇ يولدا ئاقىدۇ قانلار بولۇپ سەل، بۇ كۈرەش مەقسىتىمىزنى قىلغۇسىدۇر ھەل.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ھايات ۋە مامات، تىرىك قېلىش ۋە ئۆلۈش.
ھايات - مامات جېڭى. ھايات - مامات كۈرىشى.
ئۇ ئۆزىنىڭ ھايات - ماماتى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، قەيسەرلىك بىلەن جەڭ قىلدى.