Uyghurئاساسىي لۇغەت
ھايادې لاتۇردې
دۇنيا تارىخى
(1895 - 1979) پېرۇ <ئامېرىكا ئىنقىلابى خەلق پارتىيىسى> (خەلق پارتىيىسى) نىڭ ئاساسچىسى. تروجىللودا ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. لىماسېن ماكىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەھبىرى بولغان. مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن، 1923-يىلى سۈرگۈن قىلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇن ۋاقىت سەرگەردانلىق تۇرمۇش كەچۈرگەن. 1924-يىلى مېكسىكىدا <ئامېرىكا ئىنقىلابى خەلق ئىتتىپاقى> نى قۇرۇپ، ئۇنى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن ئەللەردە تەسىرگە ئىگە بولغان پېرۇدىكى ئاساسلىق پارتىيىگە ئايلاندۇرغان. پروگراممىسىدا يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، سانائەتلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، چەت ئەل كاپىتالىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە ئىندىئان ئامېرىكىزمنى ماختاپ، ئامېرىكا ئەللىرىدە سىياسىي - ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى يولغا قويۇشنى تەرغىپ قىلغان. 1931-يىلى ئۇ پېرۇغا قايتىپ كېلىپ زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ، ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان بولسىمۇ، قولغا ئېلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. 1945 - 1948-يىللىرى بەلگىسىز مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى بولغان. 1948-يىل ئۆكتەبردىكى ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، كولومبىيىنىڭ لىمادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا پاناھلانغان. 1954-يىلى پېرۇ ھۆكۈمىتى چېگرىدىن چىقىپ كېتىشكە ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن ئىتالىيە، پاناما، مېكسىكا، بېلگىيىدە سەرگەردان بولۇپ تۇرغان. ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1962 - 1963-يىللىرى ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1978-يىلى 7-ئايدا پېرۇ ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن تۈزۈشكە رەھبەرلىك قىلغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.