Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۈللەندۈرۈش ئىتتىپاقلىق پارتىيىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى\«گۈللەندۈرۈش - ئىتتىپاقلىق پارتىيىسى»3ھىندونېزىيىدىكى ئىسلام سىياسىي پارتىيىسى بولۇپ، 1973 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانى بويىچە، تۆت ئىسلام پارتىيىسى (ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار پارتىيىسى، ئىسلام ئوقۇتقۇچىلار بىرلەشمىسى، ھىندونېزىيە ئىسلام ئىتتىپاقى پارتىيىسى ۋە پېرتى پارتىيىسى) بىرلىشىپ قۇرۇلدى. خ. ج. نارو باش رەئىس بولدى. بىرلەشكەندىن كېيىن، ھىندونېزىيە مۇسۇلمانلار پارتىيىسى تارقىتىۋېتىلدى. قالغان ئۈچ پارتىيە ئاممىۋى تەشكىلات ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى. 1984 - يىلى 8 - ئايدا تۇنجى قۇرۇلتاي ئېچىپ، پارتىيىنىڭ پروگراممىسىنى ۋە سىياسىي باياناتنى ماقۇللىدى.