Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۈل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەستىلەنگەن بىر ئورام گۈل.
بىر تال گۈلدىن دەستە چىقماس. ئەزىز مېھمانغا گۈل دەستە تەقدىم قىلىش ھۆرمەتلىگەنلىك قىلغاندا ياكى تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلگەندە گۈل دەستە تەقدىم قىلىش بولۇۋاتىدۇ، نېمىدېگەن ياخشى!
مەنىداش سۆزلۈكلەر
رەڭگارەڭ ئېچىلىدىغان چىرايلىق، خۇش بۇي ئۆسۈملۈك.
«چېچەك» ھازى ئۇزۇقلۇق ئۆسۈملۈكىنىڭ جىنىسىي تۇغۇت ئەزاسىغا قارىتىلىدىغان بولۇپ قالدى.
گۈل ئېچىلىغان يېرىدە ئەزىز. ھەر گۈلنىڭ ھىدى باشقا. قىز بالا ئۆينىڭ گۈلى. دەرەخنىڭ مېۋىسى چېچىكىدىن بىلىنەر.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
گۈل ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزاسى بولۇپ، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.
مەيلى قانداقلا گۈل بولسۇن، بىر تال مۇكەممەل گۈل گۈل سېپى، گۈل تېگى، گۈل كاسىسى، گۈل تاجىسى ۋە گۈلنىڭ ئاتىلىق ھەم ئانىلىقلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ روشەن ۋە شەكىل ئۆزگىرىشلىرى ئەڭ زور بولىدىغىنى گۈل تاجىسىدىن ئىبارەت. مەسىلەن، قىچا، تۇرۇپ قاتارلىقلارنىڭ كرېست شەكىللىك گۈل تاجىسى؛ پۇرچاق تۈرىدىكىلەرنىڭ كېپىنەكسىمان گۈل تاجىسى؛ ئاپتاپپەرەس، جۇخارگۈل قاتارلىقلارنىڭ نەيسىمان (كانايسىمان) گۈل تاجىسى؛ گۈل بوغۇم، زەرۋىچ (زۇلقا) قاتارلىقلارنىڭ كالپۇكسىمان گۈل تاجىسى؛ گۈلەمبىر، تاغ دېنى قاتارلىقلارنىڭ دوخرەكسىمان گۈل تاجىسى؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەشقىپىچەك، ئىتياڭىقى (بەڭگى دىۋانە) قاتارلىقلارنىڭ ۋارونكىسىمان (سۇنايسىمان) گۈل تاجىسى ۋە باشقىلار. گۈل تاجىلىرىنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولۇپ، گۈلنىڭ ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلىرىنى قوغداش، چاڭلاشتۇرىدىغان ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىش رولىغا ئىگە.
ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈللىرى ئۆسۈملۈك تۈرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن گۈل ئوقىغا ئوخشىمىغان شەكىلدە تىزىلىپ رېتى بويىچە ئېچىلىدۇ، مانا بۇ »گۈل رېتى« دەپ ئاتىلىدۇ. قىچا، قىزىلپېلەك (ۋىستېرىيە پېلىكى) قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرىدە تەڭ ئۇزۇنلۇقتىكى گۈل ساپلىرى بولۇپ، ئۇزۇن بىر گۈل ئوقىدا ئۆسىدىغان بولغاچقا، ئومۇم گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ شال، سېرىنگۈل قاتارلىقلارنىڭ گۈل رېتىنىڭ سىرتقى شەكلى سەل يۇمىلاقراق كونۇسسىمان بولغاچقا، كونۇسسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ مېھرىگىياھ، پىياز قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرى ئەتراپقا چېچىلىپ جايلاشقان بولۇپ، كېرىلگەن كۈنلۈككە ئوخشايدىغان بولغاچقا، كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ پاقىيوپۇرمىقى، تىزماگۈل قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرىنىڭ سېپى بولمايدۇ ياكى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، گۈل ئوقىغا زىچ تىزىلىپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، باشاقسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ؛ جۇخارگۈل، ئاپتاپپەرەس قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرى باشسىمان ياكى تەخسە شەكىللىك ئومۇم گۈل تەگلىكىدە توپلىشىپ ئۆسىدىغان بولغاچقا، باشسىمان گۈل رېتى دېيىلىدۇ.
بەزىلەر4000 خىلدىن ئارتۇق گۈللەرنىڭ رەڭگىنى ستاتىستىكىلاپ، ئاق، سېرىق، قىزىل، كۆك، سۆسىن، يېشىل، قىزغۇچ سېرىق، قارامتۇل قوڭۇر ۋە قارا رەڭدىن ئىبارەت توققۇز خىل رەڭدىن چەتنەپ كەتمەيدىغانلىقىنى بايقىغان. رەڭگارەڭ گۈللەرنىڭ رەڭگى گۈل تاجى ياپراقچىسى تەركىبىدىكى پىگمېنتلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قىزىل، كۆك، سۆسىن گۈللەرنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىنىڭ تەركىبىدە سىئانىدىنلار بولۇپ، ئۇلار رەڭ ئۆزگەرتىدىغان »سېھىرگەر«لەردۇر. يەنى كىسلاتالىق ماددىلارغا يولۇققاندا قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، ئىشقارلىق ماددىلارغا يولۇققاندا كۆك رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. سېرىق، قىزغۇچ سېرىق گۈللەرنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىنىڭ تەركىبىدە كاروتېن بولىدۇ، ئاق رەڭلىك گۈللەردە بولسا پىگمېنت بولمايدۇ. ھەربىر گۈل تەركىبىدىكى پىگمېنتلار بىلەن كىسلاتالىق ۋە ئىشقارلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى ئوخشاش بولماسلىقى ھەمدە سۇ، تېمپېراتۇرا، يورۇقلۇق قاتارلىق مۇھىت شارائىتى جەھەتتىكى پەرقلەرنىڭ ناھايىتى چوڭ بولۇشى تۈپەيلىدىن بەزى گۈللەرنىڭ رەڭگى قېنىق، بەزى گۈللەرنىڭ رەڭگى سۇس بولىدۇ.
گۈللەرنىڭ كۆپىنچىسى خۇش پۇراقلىق بولىدۇ. ئالىملارنىڭ ستاتىستىكىلىشىچە، خۇش پۇراقلىق گۈللەرنىڭ ئىچىدە ئاق، سېرىق، قىزىلدىن ئىبارەت ئۈچ خىل رەڭدىكىلىرى ئەڭ كۆپ بولىدىكەن، بولۇپمۇ ئاق رەڭلىك گۈللەرنى »خۇش پۇراقلىق گۈللەردىكى ئەڭ« دېيىشكە بولىدىكەن. گۈللەرنىڭ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان خۇشبۇي پۇراقلارنى تارقىتالىشىدىكى سەۋەب، گۈل تاجى ياپراقچىسىنىڭ تەركىبىدە »خىمىيە سانائەت زاۋۇتى« − ماي ھۈجەيرىلىرى بولغانلىقىدىندۇر. بۇ ھۈجەيرىلەر ئاروماتىك مايلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، قۇياش نۇرىنىڭ قىزدۇرۇشى بىلەن ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان خۇش پۇراقلارنى تارقىتىدۇ. بەزى گۈللەرنىڭ ھۈجەيرىسى تەركىبىدە گلۇكوزىدلار بار بولۇپ، ئۇلار ئېنزىملارنىڭ پارچىلىشى بىلەن ئوخشاشلا خۇش پۇراق تارقىتالايدۇ. گۈللەرنىڭ خۇشبۇي پۇراقلىرى ئىنسانلار تۇرمۇشىنى گۈزەللەشتۈرۈش، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاش جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
گۈللەرنىڭ چىرايلىق رەڭلىرى، خۇشبۇي پۇراقلىرى ۋە ھەسەل بەزلىرى ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ چاڭلاشتۇرۇش، مېۋىلەتكۈزۈش ۋە ئەۋلاد قالدۇرغۇزۇشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، كىشىلەر بۇ خىل گۈللەرنى »ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈللەر« دەپ ئاتىشىدۇ.
ئۇلاردىن باشقا يەنە شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، تېرەك ۋە قارىغاي قاتارلىق گۈللىرىدە گۈل تاجىلىرى، خۇشبۇي پۇراقلىرى، ھەسەل بەزلىرى بولمىغان ئۆسۈملۈكلەرمۇ بار بولۇپ، بۇلار پەقەت شامالنىڭ ياردىمى بىلەنلا چاڭلىنىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنى »شامال ۋاسىتىسى بىلەن چاڭلىشىدىغان گۈللەر« دەپ ئاتىشىدۇ.
بىئولوگىيە
گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسلىق كۆپىيىشىكە ماسلاشقان، ھالەت ئۆزگەرتكەن شاخ يوپۇرمىقى. ئۆسۈملۈكنىڭ گۈل بىخى ھاسىل بولۇشتىن چېچەكلەش، چاڭ تارقىتىش، ئۇرۇقلىنىش، ئەڭ ئاخىرىدا مېۋە ۋە ئۇرۇقىنىڭ ھاسىل بولۇشىغىچە بولغان بىرقاتار جەريانى گۈل ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. گۈل - گۈل سېپى، گۈل تېگى، گۈل كاسىسى، گۈلتاجى، ئاتىلىق ۋە ئانىلىق قاتارلىق قىسىملاردىن تۈزۈلىدۇ. گۈل سېپى بىلەن گۈل تېگى ھالەت ئۆزگەرتكەن شاخ، گۈلتاجى، گۈل كاسىسى، ئاتىلىق ۋە ئانىلىقلار ئۇنىڭدا ئۆسكەن ھالەت ئۆزگەرتكەن، يوپۇرماق (گۈل يوپۇرمىقى) تىن ئىبارەت. گۈل كاسىسى بىلەن گۈلتاجى قوشۇلۇپ گۈل يىپىنچىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇلار كۆپىيىشتە قوشۇمچە رول ئوينايدۇ؛ ئاتىلىق ۋە ئانىلىق كۆپىيىشنىڭ ئاساسلىق قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقىدەك تۆت خىل گۈل يوپۇرمىقىغا ئىگە بولغان گۈل مۇكەممەل گۈل دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، شاپتۇل، كېۋەز، پەمىدۇر، قىچا، سويا پۇرچاق قاتارلىقلارنىڭ گۈللىرى. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرى كەم بولغان گۈل مۇكەممەل بولمىغان گۈل دەپ ئاتىلىدۇ. گۈل يېپىنچىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، گۈل كاسىسى بىلەن گۈلتاجى تولۇق بولغان قوش يېپىنچىلىق گۈلدىن باشقا، يەنە تاق يېپىنچىلىق گۈل (ئۈجمە، ئاق كەندىر) ۋە يىپىنچىسىز گۈل (تېرەك، سۆگەت، كاۋاۋىچىن، ئېۋكوممىيە دەرىخى) بار. ئاتىلىق، ئانىلىققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تولۇق بولغان قوش جىنسلىق گۈلدىن باشقا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى كەم بولغان يەككە جىنسلىق گۈل پەقەت ئاتىلىقلا بولغان ئاتىلىق گۈل بىلەن پەقەت ئانىلىقلا بولغان ئانىلىق گۈل بولىدۇ. مەسىلەن، كۆممىقوناق، كاۋا، كاشتان دەرىخى، كەندىر قاتارلىقلار. يەنە بەزى ئاز ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلىدىكى ئاتىلىق، ئانىلىق رودىمېنتلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار جىنسسىز گۈل دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، گۈلچىمەن ۋە جۇخارگۈلى ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تىلسىمان گۈلى. مورفولوگىيىلىك تۈزۈلۈشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، گۈلنىڭ مەركىزىدىن بىر قانچە سىممېترىك يۈزگە بۆلۈنىدىغان گۈل رەتلىك گۈل دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، پېدىگەن؛ پەقەت بىر سىممېترىك يۈزى بولغان گۈل رەتسىز گۈل دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، كۈنجۈت، يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سپورىلىق يوپۇرماق شارچىسىمۇ <گۈل> دەپ ئاتىلىدۇ، بىراق گۈل يېپىنچىسى بولمايدۇ، ئاتىلىق ۋە ئانىلىقى ئىپتىدائىي بولغاچقا تىپىك گۈلگە كىرمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
<بوت> ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جىنسلىق كۆپىيىش ئورگىنى. گۈل تاجى ياپراقچىسى، گۈل كاسىسى، گۈل تەگلىكى ۋە ئاتىلىق ھەم ئانىلىقلاردىن تۈزۈلىدۇ. رەڭگى ھەر خىل بولىدۇ. بەزىلىرى ناھايىتى چىرايلىق، يەنە بەزىلىرى خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ.
ئاتىلىق گۈل. ئانىلىق گۈل.
زىننەت ئۈچۈن تېرىلىدىغان ئۆزى ئۆسىدىغان گۈللۈك ئۆسۈملۈكلەر؛ چېچەكلەر.
ئەتىرگۈل. قىزىل گۈل. جۇخار گۈل.
شۇنداق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈزۈۋېلىنغان ھاسىلى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ياسالغان زىننەت بۇيۇمى.
گۈل تۇتماق. گۈل سوۋغا قىلماق. گۈل ئۈزمەك.
ئەكبەر قىزغا قارىدى، قىز ئۇنىڭ قوللىرىدىكى ئېتىز گۈللىرىنى ئالدى.
بىرەر نەرسىگە سىزىپ، تىكىپ، بېسىپ ياكى ئويۇپ چۈشۈرۈلگەن بېزەك، نەقىش.
گۈل باسماق. گۈل ئىشلىمەك. گۈل چىقارماق.
تەۋەلىك Ⅲ شەخس قوشۇمچىسى بىلەن تۈرلىنىپ كېلىپ 1( <ئالدى>، <سەركىسى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
قىز بالا - ئۆينىڭ گۈلى )ماقال(.
ھېزىم: - 30 ئوغۇلنىڭ گۈلى بىر شاڭيۇ ئاكا! - دېدى.2) قىزلارنىڭ ئىسمى بولۇپ كېلىدۇ:
گۈلى، قاچان كەلدىڭ؟
قىزلارنىڭ ئىسمى تەركىبىدە كېلىدۇ.
ئارزۇگۈل. گۈلبوستان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
پارىسچە
گۈلقىز، گۈلخان، گۈلىخان
گۈل كەبى قىز
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
گۈل، گۈلدەك ئېچىلغان قىز.