Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۈل چېڭى پوستى
بىئولوگىيە
گۈل چېڭىنىڭ پوست قەۋىتى بولۇپ، تاشقى پوست بىلەن ئىچكى پوستىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاشقى پوست قېلىنراق بولۇپ، ئاساسەن پوللېنىندىن تۈزۈلىدۇ. خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى تۇراقلىق بولىدۇ، ئۇزۇن مەزگىل ساقلىنىدۇ، يۈزىدە ھەرخىل سىزىقچىلار ياكى ئۆسۈندىلەر بولىدۇ، گۈل چېڭى پوستىنىڭ قىسمەن دائىرىسىدە تاشقى پوست بولمايدۇ، پەقەت ئىچكى پوستلا بولىدۇ، بۇ بىخلىنىش تۆشۈكى دەپ ئاتىلىدۇ. گۈل چېڭىنىڭ تاشقى پوستىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ئۆسۈملۈك تۈرىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ. گۈل چېڭىنىڭ ئىچكى پوستى بىر قەدەر نېپىز بولۇپ، تەركىبى دەسلەپكى پوستنىڭ تەركىبىگە يېقىن كېلىدۇ، گۈل چېڭى پوستى گۈل چېڭىنى قوغداشتىن باشقا، ئۇنىڭ تەركىبىدە ھايات ئاقسىل ۋە ئېنزىم بولغان بولىدۇ، ئۇ گۈل چېڭى بىلەن ئانىلىقنىڭ بىر - بىرىنى تونۇش، گۈل چېڭىنىڭ بىخلىنىشى قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك ھەرىكەت جەريانىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.