Uyghurئاساسىي لۇغەت
گۈل چېڭىنىڭ يېتىلىشى
بىئولوگىيە
گۈل چېڭىنىڭ پەيدا بولۇش ۋە يېتىلىش جەريانى. گۈل چېڭى ئانا ھۈجەيرىسى (كىچىك سپورا ئانا ھۈجەيرىسى) بىلەن كېمەيتىپ بۆلۈنۈش ئارقىلىق كىچىك سپورا تۆت بۆلەك تەنچىسىنى يەنى تۆت دانە كىچىك سپورىنىڭ ۋاقىتلىق بىرىكمىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ جەريان كىچىك سپورىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى دەپ ئاتىلىدۇ. تۆت بۆلەك تەن تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن كىچىك سپورىلار گۈل چېڭى خالتىسىدا ئەركىن مەۋجۇت بولىدۇ. ھەربىر كىچىك سپورا بىردانە يادرولۇق ھۈجەيرە بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتىدا گۈل چېڭى پوستى، ئىچىدە ۋاكۇلا بولىدۇ. ھۈجەيرە يادروسى مەركەزدىن ئەتراپقا يۆتكىلىپ پوستقا يېقىن ئورۇندا بىرىنچى قېتىملىق تەڭسىز يىپلىق بۆلۈنىدۇ ۋە بىردانە چوڭ ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسى ۋە بىردانە كىچىك كۆپىيىش ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆپىيىش ھۈجەيرىسى گۈل چېڭى پوستىدىن ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسىنىڭ سىتوپلازمىسىغا يۆتكىلىدۇ. گۈل چېڭى ۋاكۇلىسى يوقىلىپ زاپاس ساقلىنىدىغان ماددىلارنىڭ مىقدارى ئارتىدۇ. بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چېڭى مۇشۇ خىل ھالەتتە يېتىلىپ، ئىككىنچى قېتىملىق يىپلىق بۆلۈنۈشى گۈل چېڭى بىخلانغاندىن كېيىن گۈل چېڭى نەيچىسى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ئىككى ھۈجەيرىلىك گۈل چېڭى ياكى ئىككى مېغىزلىق گۈل چېڭى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈل چېڭى كۆپىيىش ھۈجەيرىسى ھاسىل بولغاندىن كېيىنلا بۆلۈنۈپ (گۈل چېڭىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشى) بىر جۈپ سېرما (ئاتىلىق گامېتا)، بىر دانە ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن ئۈچ ھۈجەيرىلىك گۈل چېڭى (ياكى ئۈچ مېغىزلىق گۈل چېڭى) نى ھاسىل قىلىدۇ. ھەمدە مۇشۇ خىل ھالەتتە يېتىلىدۇ. كىچىك سپورا يېتىلىپ ئاتىلىق گامېتىنى ھاسىل قىلىدىغان جەريان ئاتىلىق گامېتىنىڭ يېتىلىشى دەپ ئاتىلىدۇ. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاتىلىق گامېتىسىنىڭ يېتىلىشى پەقەت يۇقىرىقى ئىككى قېتىملىق بۆلۈنۈشنى بېسىپ ئۆتىدۇ؛ يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردە بولسا بۆلۈنۈش قېتىم سانى كۆپرەك بولىدۇ.