Uyghurئاساسىي لۇغەت
گروتېۋول
دۇنيا تارىخى
(1894 - 1964) سابىق گېرمانىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1949 - 1963). مەتبەئە ئىشچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. 1910 - يىلى ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1912 - يىلى گېرمانىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە كىرگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى ئوڭچى يولباشچىلىرىنىڭ پرولېتارىياتقا ئاسىيلىق قىلغان سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن. 1925 - 1933 - يىللىرى پارلامېنت ئەزاسى بولغان. 1933 - يىلدىن باشلاپ ناتسىتلار ھاكىمىيىتىگە قارشى يوشۇرۇن ھەرىكەت بىلەن پائال شۇغۇللانغان. 1946 - يىلى گېرمانىيە بىرلەشكەن سوتسىيالىستلار پارتىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن پارتىيىنىڭ رەئىسلىرىدىن بىرى بولغان. 1960 - يىلدىن باشلاپ دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.