Uyghurئاساسىي لۇغەت
گروتيۇس
دۇنيا تارىخى
(1583 - 1645) گوللاندىيىلىك قانۇنشۇناس، تەبىئىي قانۇن تەرەپدارلىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى نەزەرىيىچىسى. دېلفتتە تۇغۇلغان. 14 يېشىدا لېيدون داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. ئادۋوكات، گوللاندىيەنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى بولغان. كېيىن شۋېتسىيىدە ئەمەلدار بولغان، فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى بولغان. قانۇنچىلىق، ئىلاھىيەت، تارىخ، ئەدەبىيات ۋە تەبىئىي پەننى تەتقىق قىلغان، بەلكى خەلقئارا قانۇن تەتقىقاتچىسى دەپ نام ئالغان. ئۇ قەدىمكى يۇنان - رىم پەلسەپىسىدىكى تەبىئىي قانۇن نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان، دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئىجتىمائىي پۈتۈم تەلىماتى بىلەن چۈشەندۈرگەن، ھاكىمىيەتنى ئىلاھ ئاتا قىلغان ئەمەس، قانۇنچىلىقنى ئىلاھىيەتتىن ئايرىۋېتىش كېرەك دېگەن. بارلىق چىن قانۇنلارنىڭ تەبىئىي قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇش پرىنچىپىنى، خەلقنىڭمۇ، ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلارنىڭمۇ تەبىئىي قانۇن بىلەن چەكلەپ تۇرۇلۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، چەكلىك ئەخلاقىي ئىگىدارلىق ھوقۇقى تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك خەلقئارا ھادىسىلەرنى تەبىئىي قانۇن نەزەرىيىسى بىلەن تەھلىل قىلغان، ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش ئەسەرلىرى مەسىلىسىنى ئادەمگە خۇسۇسىي مال - مۈلۈككە ھۆرمەت قىلىش قارىشى بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرغا قويغان؛ بەزى سەۋەبلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇرۇش قىلىش جىنايەت دەپ ھېسابلىغان. ئۇنىڭ <ئوچۇق دېڭىز ئەركىنلىكى>، <ئۇرۇش ۋە تىنچلىق قانۇنى> دېگەن ئەسەرلىرى بار.