Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گېرمانىيە ستودېنتلىرى جەمئىيىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى德意志大学生协会
dé yì zhì dà xué shēng xié huì
گېرمانىيە ۋەتەنپەرۋەر ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكىتىنىڭ ⅨⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى يادرو تەشكىلاتى. 1815 - يىلى 6 - ئايدا يېنادا قۇرۇلغان. فېئودال ئسىتېبداتلىق تۈزۈمىگە قارشى تۇرۇپ، پادىشاھلىق ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىنى تەشەببۇس قىلغان، سىياسىي ئەركىنلىكنى ۋە مىللىي بىرلىكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان. ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ناپولېئونغا قارشى مىللىي ئازادلىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1817 - يىلى 10 - ئايدا 21 داشۆدىن كەلگەن 500 ئەزا ۋاتپورگ شەھىرىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى جىددىي تەلەپ قىلغان. لېكىن ئەزالىرى مۇرەككەپ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە ئېنىق پروگراممىسى بولمىغاچقا، قويۇق رومانتىزم ۋە كۈچلۈك شوۋىنىزم تۈسىنى ئالغان، ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى چاغلىق بولغان. 1819 - يىلى 9 - ئايدا گېرمانىيە ئىتتىپاقى پارلامېنتى <كارلىسباد قارارى> نى ماقۇللاپ، جەمئىيەتنى تارقىتىۋەتكەن. كېيىن گېرمانىيىدە ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئوخشاش بولمىغان تەشكىلات نامى بىلەن كۆپ قېتىم ئوتتۇرغا چىققان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.