Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
德国农民战争
dé guó nóng mín zhàn zhēng
گېرمانىيە دېھقانلىرىنىڭ 1524 - 1525 - يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى. ⅥⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيىدە سودا - سانائەت ئىگىلىكى يەنىمۇ راۋاجلانغان، كاپىتالىزم ئامىللىرى پەيدىنپەي يېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي جەھەتتە ئېغىر دەرىجىدە بۆلۈنۈش ھالىتىدە تۇرغان. دىنىي ۋە دەھرىي بەگلىكلىرى فېئودال ئىمتىيازنى جېنىنىڭ بارىچە قوغداپ، دېقھانلارغا بولغان ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش ۋە ئېزىشنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭ ئارقىسىدا، پارچىلىنىشقا باشلىغان يانچىلىق تۈزۈمى ھەرقايسى جايلاردا بولۇپمۇ شەرقىي جەنۇبىي رايوندا ۋە ئوتتۇرا قىسىمدا يەنە ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى كۈرىشى ئالدى بىلەن مەخپىي تەشكىلات <كەش جەمئىيىتى> ۋە <نامرات كونراد> شەكلىدە غەربىي جەنۇبىي قىسىمدا پائالىيەت قىلغان. كېيىن دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى يېتەكچى قىلىپ، كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭغا دېھقانلار ۋە شەھەردىكى ئاددىي پۇقرالاردىن باشقا شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارمۇ قاتناشقان. مۇنزېر دېھقانلار ۋە ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئاتاغلىق رەھبىرى بولغان. 1524 - يىلى يازدا، قوزغىلاڭ ھەممىدىن ئاۋۋال سۋابىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سىۋارزۇۋالد رايونىدا پارتلىغان. شۇ يىلى قىشنىڭ ئاخىرى ۋە ئىككىنچى يىلى باش ئەتىيازدا مۇشۇ رايوندىكى مۇنزېر مۇرىتلىرى تۇنجى قوزغىلاڭ پروگراممىسى - <مەكتۇپ>نى تۈزۈپ چىققان. ئۇزۇن ئۆتمەي، قوزغىلاڭ پۈتكۈل سۋابىيىگىچە كېڭىيىپ كەتكەن. قوزغىلاڭچىلار ئون نەچچە مىڭغا يەتكەن. 1525 - يىلى 3 - ئايدا قوزغىلاڭنىڭ يەنە بىر پروگراممىسى <12 ماددا> تۈزۈلۈپ، فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيىنى يېنىكلىتىش تەلەپ قىلىنغان. لېكىن بۇ پروگراممىدا ھاللىق دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى كۆپرەك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. 4 - ئايدا سۋابىيىدىكى قوزغىلاڭ ترۇخىزىس باشچىلىقىدىكى سۋابىيە ئىتتىپاقچى ئارمىيىسى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. شۇ يىلى 3 - ۋە 4 - ئايلاردا فرانكونىيىە يېڭى قوزغىلاڭ پارتلىغان. قوزغىلاڭچىلارنىڭ تەركىبى مۇرەككەپ، رەھبەرلىك ھوقۇقى كۆپىنچە پۇقرالار ۋە رىتسارلارنىڭ قولىدا بولغان. 5 - ئايدا تۈزۈلگەن <ھېيلبرون پروگراممىسى> دىمۇ ئاساسەن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارنىڭ مەنپەئىتى گەۋدىلەندۈرۈلگەن. 6 - ئايدا فرانكونىيىدىكى قوزغىلاڭ يەنە ترۇخزىس تەرىپىدىن باستۇرۇلغان. 1525 - يىلى 3 - ئايدا تبۇرىنگىيە - ساكسونىيىدە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن. ئۇنىڭغا مۇنزىر رەھبەرلىك قىلغان. قوزغىلاڭچىلار 4 - ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا مىلخاۋسېن شەھىرىدە ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورگىنى - مەڭگۈلۈك كېڭەشنى قۇرغان. 5 - ئاينىڭ 15 - كۈنى فرانكېنخاۋسېن جېڭىدە قوزغىلاڭچى ئارمىيە بەگلىكلىرى بىرلەشمە قوشۇنىغا قارشى جىددىي جەڭ قىلىپ، يېڭىلىپ قالغان. مۇنزېر ئەسىرگە چۈشۈپ ئۆلتۈرۈلگەن. 1525 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1526 - يىلنىڭ باشلىرىغىچە گەسمېر تىرول ۋە زالتسىبۇرگ ئېپىسكوپ رايونىدا كانچىلار ۋە دېھقانلارنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى فېئوداللىق تۈزۈمىگە زەربە بەرگەن. كاتولىك دىنىنىڭ گېرمانىيىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تەۋرەتكەن. مەغلۇپ بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، جايلاردىكى دېھقانلار كەڭ بىرلىشىپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلالمىغان؛ قوزغىلاڭغا قاتناشقان شەھەر ئاھالىلىرى ۋە رىتسارلارنىڭ تەۋرەپ قالغانلىقى ۋە يۈز ئۆرىگەنلىكىمۇ قوزغىلاڭچىلار كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان.