Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گومېر داستانى
دۇنيا تارىخى
荷马史诗
hé mǎ shǐ shī
بۇ <ئىليادا> بىلەن <ئودېسسا> دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ ھەربىرى 24 توم (باب). رىۋايەت قىلىنشىچە ئۇنى قەدىمكى يۇنان ئىئونىيە (كىچىك ئاسىيانىڭ غەربى) دىكى ئەما شائىر گومېر (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅸ - Ⅷ ئەسىرلەر) يازغانىكەن. <ئىليادا> دا ئاساسەن <ترويا ئۇرۇشى> نىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىدىكى ۋەقە تەسۋىرلەنگەن، يۇنانلىق باتۇر ئاكىللېسنىڭ قوماندان ئاەامېمنون بىلەن تالاش - تارتىش قىلىپ (<ئاكىللېسنىڭ غەزىپى>) جەڭ مەيدانىدىن قايتىپ كەتكەنلىكىدىن باشلىنىپ، گرېكلارنىڭ ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قالغانلىقى، ئاكىللېسنىڭ كېيىن يەنە جەڭگە كىرىپ، ترويا باتۇرى ھېكتورنى ئۆلتۈرگەنلىكى بىلەن ئاياغلاشقان. ترويا شەھىرى ئىلىئۇم دەپ ئاتالغان، <ئىليادا> نىڭ مەنىسى <ئىلىئۇم ئۇرۇش خاتىرىسى> دېگەنلىك بولىدۇ. <ئودېسسا> دا ئاساسەن گرېكلار تروياغا يۈرۈش قىلىپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئارمىيىدىكى <ئەقىل كۆرسەتكۈچى> ئودىسسىئۇس دېڭىزدىن ئۆتۈپ يۇرتى ئىتاكېغا قايتىش سەپىرىدە نۇرغۇن خېيم - خەتەر ۋە ئاجايىپ ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى تىلەمچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، خوتۇنى پېنېلوپىگە ئۆيلىنىش تەلىپىنى قويغانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يېڭىۋاشتىن جەم بولغانلىق ۋەقەسى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئىككى داستاندا ئاساسەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ - Ⅸ ئەسىرلەر ئارىلىقىدىكى گرېكلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ شۇ مەزگىللەردىكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى ئاساسىي ھۆججەت - ماتېرىيال (شۇڭا بۇ باسقۇچ <گومېر دەۋرى> دەپ ئاتالغان). شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ ئۇنىڭدىن بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى مېكىناي دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي تۈزمگىمۇ بېرىپ تاقىلىدۇ. ⅧⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا گېرمانىيە كلاسسىك پەيلاسوپى ۋولف (1759 - 1824) قاتارلىقلار گومېرنىڭ ئىجادىيىتى ئۈستىدە گۇمان قىلغاندىن كېيىن، <گومېر مەسىلىسى> پەيدا بولغان. بۈگۈنكى كۈندىكى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر داستاننىڭ ماتېرىيالى خەلق ئارىسىدىكى تۈرلۈك رىۋايەتلەر ۋە مېكىناي دەۋرىدىكى ھېكايىلەردىن كەلگەن. لېكىن داستاننىڭ بەدىئىي بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشىدىن قارىغاندا، ئۇنى بىرەر شائىر (ياكى گومېر) رەتلەپ چىققان. شائىر ياكى سەنئەتكارلارنىڭ ئېغىزدىن - ئېغىزغا ئېيتىپ يۈرۈشى ئارقىسىدا، پەيدىنپەي مۇقىملىشىپ، مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅵ ئەسىردە (پېستراتوس ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان مەزگىلدە) ئافىنادا يېزىق تۈسىنى ئالغان، دېگەن قاراشقا مايىل. داستاننىڭ بۈگۈنكى كۈندە تارقىلىپ يۈرگەن نۇسخىسىنى ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئىسكەندەرىيە ھۆججەتشۇناسى ئارىستاركوس (مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅱ ئەسىر) تەكشۈرۈپ بېكىتكەن.