Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
گومېر
ئۇنىۋېرسال
گومېر (سىغىم بىرلىكى)
荷木
hé mùDئىستېتىكا
荷马
hé mǎ
دۇنيا تارىخى
荷马
hé mǎ
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ - Ⅸ ئەسىر) قەدىمكى يۇنان شائىرى، ھەممىلا يەردە يۈرۈپ ناخشا ئوقۇيدىغان ئەما ناخشىچى. كىچىك ئاسىيادا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ تارىخىي داستانى <ئىليادا> ۋە <ئودېسسا> ئېغىزدىن - ئېغىزغا كۆچۈپ ئېيتلىپ يۈرگەن، ئۇنىڭدا دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى يۇنان ئاركادىئانلىرىنىڭ تروياغا يۈرۈش قىلىشىغا ئائىت ۋەقەلەر بايان قىلىنغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅺ - Ⅸ ئەسىرلەردىكى ئۇرۇقداشلىق قەبىلىلەرنىڭ پارچىلىنىش دەۋرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شۇڭا بۇ دەۋر ئادەتتە <گومېر دەۋرى> دەپ ئاتالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرلەردە گومېر ياشىغان يىللار، ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېرى ۋە ئەسەرلىرى گۇمانلىق بولۇپ قالغان. كېيىن ئۇزاق تالاش - تارتىش قىلىش ئارقىسىدا، ياۋرۇپا ئەدەبىيات تارىخىدىكى <گومېر مەسىلىسى> شەكىللەنگەن. يېقىنقى بىرنەچچە يىلدىكى ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلرى ۋە سىزىقلىق يېزىق B نى يېشىپ ئوقۇش مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىسىدا، يەنە بەزىلەر گومېرنىڭ تارىخىي داستانىنىڭ يۇناننىڭ ئەڭ دەسلەپكى دەۋرلەردىكى تارىخ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە تالاش - تارتىش قىلىۋاتىدۇ.