Uyghurئاساسىي لۇغەت
غوزەك
بىئولوگىيە
كوكوئون دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇكەممەل ھالەت ئۆزگەرتىدىغان ھاشاراتلارنىڭ قورچاق دەۋرىنىڭ بەدەن سىرتىدىكى خالتا شەكىللىك قوغدىغۇچى جىسمى. ئوخشىمىغان ھاشاراتلارنىڭ غوزىكىنىڭ مورفولوگىيىسى، تۈزۈلۈشى ۋە سۈپىتى ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، تەڭگىچە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى ئۆي پىلىسى، ئېمەن پىلىسى، ئابدىمىلىك پىلىسى ۋە كامفورا پىلىسى قاتارلىقلارنىڭ غوزەكلىرىنىڭ ھەممىسى لىچىنكىنىڭ يىپەك بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان يىپەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، پىشىپ يېتىلگەن لىچىنكا غوزەكنىڭ ئىچىدە قورچاققا ئايلىنىدۇ. ئۆي پىلىسىنىڭ غوزىكى پۈتۈنلەي ھىم ئېتىلگەن بولۇپ، پىلە پەرۋانىسى يېتىلگەندە، ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىلىرى غوزەكنىڭ بىر تەرىپىدىكى يىپەك ماددىسىنى ئېرىتىپ ئۈزۈپ غوزەكتىن چىقىش تۆشۈكىنى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئېمەن پىلىسى غوزىكىنىڭ بولسا، غوزەك ساپىقىنىڭ يېنىدا تەبىئىي دەز قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئادەتتە ھىملەش تۆشۈكى دېيىلىدۇ. يېتىلگەن پىلە پەرۋانىسى غوزەك قېپىنىڭ مۇشۇ جايىدىن تېشىپ چىقىدۇ. پەردە قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى كىچىك غوزەك ھەرىسىمۇ يىپەك ماددىسى چىقىرىپ غوزەك ياسايدۇ. باشقا بەزى ھاشاراتلار مەسىلەن، لىڭشىما قۇيرۇق قۇت، يەر يولۋىسىنىڭ غوزىكى لاي توپىلانى چاپلاش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ؛ ماي قوڭغۇزىنىڭ غوزىكى ئاجرىتىپ چىقارغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇقى بىلەن توپىدىن ياسىلىدۇ؛ چاققان پەرۋانىنىڭ غوزىكى ئاجرىتىپ چىقارغان كالتسىي ماددىسىدىن شەكىللەنگەن. غوزەك، ھاشاراتلارنىڭ ھەرىكەت قىلمايدىغان قورچاق باسقۇچىدا دۈشمىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، مېخانىك زەخىملىنىشتىن ساقلاش ۋە مۇھىتتىكى تېمپېراتۇرا ھەم نەملىكلەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان زىيانلىق تەسىرلەردىن قوغدىنىش رولىغا ئىگە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
پىلە قۇرتىنىڭ غوزىسى.
ئۆتكەن يىل ئېلىنغان پىلە غوزىكى 1997 - يىلىدىكىدىن 60 پىرسەنت ئېشىپ كەتتى.
< بوت> بەزى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى ياكى دېنىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە ئانىلىق ياپراقچىلىرىدىن تۈزۈلگەن تۈگۈنچىكى.
تەنتەك ئۇرۇق سۆزىنى تۈگىتىپلا غوزىكىدىن چوڭ قارىغاينىڭ سايىسىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.