Uyghurئاساسىي لۇغەت
غىدىقلاش يىغىندىسى
پسىخولوگىيە
بۇ تەسىر يىغىندىسىمۇ دېيىلىدۇ. بىر نۇقتىغا غىدىقلاش كۈچى غىدىقلاش چېكىدىن تۆۋەن ھالدىكى بىر قېتىملىق تەسىر رېئاكسىيە پەيدا قىلالمايدۇ. ئاقىمۇ ئارقا ئىككى قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تەسىر قىلىنسا رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ؛ ياكى قوشنا ئىككى نۇقتىغا بىر قېتىم تەسىر قىلىنسا (غىدىقلانسا)، غىدىقلاش كۈچى غىدىقلاش چېكىدىن تۆۋەن بولسىمۇ رېئاكسىيە يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ھادىسە غىدىقلاش يىغىندىسى دەپ ئاتىلىدۇ.