Uyghurئاساسىي لۇغەت
غىدىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەنگە، تېرىگە بىرەر نەرسىنىڭ تېگىشى بىلەن پەيدا بولىدىغان سەزگۈ.
«غۇچچۇق» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
«غىدىق» قۇمۇل شېۋىسىدە، «غىجىق» ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
قىچىقىنى كەلتۈرمە. ئۇنىڭ قىتىقى يوق. قىتىق كۈلگە بىلەن بېسىلىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
قىچىق؛ غىدىقلاش _ قىچىقلاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم جايلىرىغا بىرەر نەرسىنىڭ تېگىشى بىلەن بولىدىغان بىر خىل غەيرىي سېزىم.
غىدىقى كەلمەك.
- لەيلىگۈل بوش كەلمە، غىدىقلا، ئۇنىڭ غىدىقى بوينىدىلا، غىدىقلىساڭلا ئەل بولىدۇ، سىرىڭنى ئاشكارلىمايدىغان بولىدۇ! - دەپ ۋارقىراشتى قىزلار.