Uyghurئاساسىي لۇغەت
گاراخ
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى جايىدا ئەمەس، ئىش - ھەرىكەتنى ئاسان سەزمەيدىغان.
ھوشيار، سەزگۈر، تۇيغۇن، ساق، يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلىدىغان
ئەقلى - ھوشى ئۆتكۈر، سەزگۈ - تۇيغۇسى ئىتتىك. ئىش - ھەرىكەتنى تېز ۋە ئاسان بىلىۋالىدىغان.
يالغۇز يۈرگەن ھوشيار بولسا، باياۋاندىمۇ بۆرىگە يەم بولماس. بىخوت يىگىت بېشىنىڭ نەدە كېسىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھەرقانداق سەزگۈر ئادەممۇ دۈمبىسىنى كۆرەلمەس. ساقىي بولساڭ، ساق بول. تۇيغۇن تۇيدۇرمايدۇ، گاراڭ گاڭگىرايدۇ. ئىسلام يەر تېگىدە يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلىدىغان تۇيغۇن يىگىت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كاللىسى راۋۇرۇس ئىشلىمەيدىغان، قاپاق.
دىلنار چۈشۈمگە كىرىپ قالغان كۈنلەردە قويغان - تۇتقىنىمنى بىلەلمەي گاراخ بولاتتىم.
رەۋ. ھەددىدىن زىيادە، ناھايىتى، ئىنتايىن، تازا، راسا.
گاراخ مەست.
ئۇ يېرىم كېچىدە ئۆيگە گاراخ مەست كىردى.