Uyghurئاساسىي لۇغەت
گاراڭ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەقلىي كۈچى ئاجىز، تولۇق يېتىلمىگەن، توغرا پىكىر قىلالمايدىغان.
بۇ يەردىكى فرازىئولوگىيىلىك بىرىكمىلەردىن «قاپاقباش، سامانقورساق، پوققورساق» لارنىڭ بىلىمسىز، نادانلىقتىن «دۆت» لۈكىنى كۆرسىتىدۇ؛ قالغانلىرى كۆپىنچە جۈملىدە ئېنىقلىغۇچى بولۇپ كېلىدۇ. پېئىل ھالىتىدە جۈملە بۆلەكلىرى بولۇپ كېلىدۇ: ئۇ، سەندىن قاچان كەلدىڭ دەپ، سوراۋاتىدۇ، سەن تاغدىن سورىسا، باغدىن جاۋاب بېرىۋاتىسەنغۇ دېگەندەك.
كالۋا مەسچىتتىمۇ تاماق يەر. گالۋاڭنىڭ بېشى زېدە. گالۋاڭغا ئالۋاڭ يوق. راھەتكە بېرىلگەن ئۆگەنمەس، لەقۋا بولار. ئەلنىڭ جېنى چىقسا، گالزاڭنىڭ كۈلكىسى كېلەر. ئاقىلنىڭ ئىشى تۈگىمەس، گاراڭنىڭ غېمى. كومشانىڭ كۈن كۆرۈشى تەس. دېۋەڭگە تاياق دېۋەيلىمە، ئورۇنسىز. مەتۇ مېھرابقا سىيىدۇ. گول ئاسان ئادىشىدۇ. دەلتە دەردىنى بىلمەيدۇ. گاراھ گاسقا يولۇقسا ئىش بۇزۇلىدۇ. ئاڭقاۋ ئالمىغا ئامراقمىش. پاڭقۇش پايخانىدا قالىدۇ. ھاڭۋاقتىغا ھارامزادە ئامراق. ھاڭۋاقتىنىڭ ھالى خاراب. خامۇش ئاشنى خام يەيدۇ. خارامۇش خارلانمىسۇن. قاپاقباشتىن ساپ ئەقىل يوق. سامانقورساق سامانلىقتا ياتىدۇ. ئۇ مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان نېمىكەن. باقى قىچىشمىغان يەرنى تاتىلاپ يۈرىدىغاننى دوست تۇتۇپتۇ. ئاشپەزگە پۇل بېرىپ، نانۋايغا قارايدىغان كىشىدىن ئاغزىڭ قېنى دېسە، بۇرنىنى كۆرسىتىدىغان ئارتۇق ئەمەس. ئۇ شۇنداق قىزىق بالىكەنكى، تاغدىن سورىساڭ، باغدىن جاۋاب بېرىدىغان كىشىلەردىن كۈلىدىكەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى جايىدا ئەمەس، ئىش - ھەرىكەتنى ئاسان سەزمەيدىغان.
ھوشيار، سەزگۈر، تۇيغۇن، ساق، يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلىدىغان
ئەقلى - ھوشى ئۆتكۈر، سەزگۈ - تۇيغۇسى ئىتتىك. ئىش - ھەرىكەتنى تېز ۋە ئاسان بىلىۋالىدىغان.
يالغۇز يۈرگەن ھوشيار بولسا، باياۋاندىمۇ بۆرىگە يەم بولماس. بىخوت يىگىت بېشىنىڭ نەدە كېسىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ھەرقانداق سەزگۈر ئادەممۇ دۈمبىسىنى كۆرەلمەس. ساقىي بولساڭ، ساق بول. تۇيغۇن تۇيدۇرمايدۇ، گاراڭ گاڭگىرايدۇ. ئىسلام يەر تېگىدە يىلاننىڭ كۆشىگىنىنى بىلىدىغان تۇيغۇن يىگىت.
شىۋىلەر
گاڭگىراپ قالغان، بىخۇتلۇق؛ گاس - قۇلۇغى ئاڭلىماس بولۇپ قالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان، قۇلىقى ئېغىر، پاڭ قۇلاق؛ گاس، ساغرۇ.
گاراڭ بالا. گاراڭ ھالەت.
بېشى قاتقان، نېمە قىلارىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان.
گاراڭ بولماق. گاراڭ قىلماق.
ئۇ باشلىرى گاراڭ ھالدا ھېلىقى ئاشخانىغا باردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
كېكىردەكنىڭ پۈتۈپ قېلىشىغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن بۇزۇلۇپراق چىققان ئاۋاز.