Uyghurئاساسىي لۇغەت
گامېتا خالتىسى
بىئولوگىيە
يۈسۈن، زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار جىنسلىق كۆپەيگەندە گامېتا ھاسىل قىلىدىغان يەككە ھۈجەيرىلىك ياكى كۆپ ھۈجەيرىلىك تۈزۈلۈش. ئۇنىڭدىن بىر ياكى بىردىن كۆپ گامېتا ھاسىل بولىدۇ. بەزى زەمبۇرۇغلار (مەسىلەن، قارا كۆكەرتكۈچى زەمبۇرۇغى) نىڭ كۆپ يادرولۇق ھۈجەيرىسى ئىچىدىكى ماددىلار گامېتىغا دىففېرېنسىيىلەنمەيدۇ، بىراق جىنسلىق كۆپىيىش جەريانىدا جىنس ئايرىمىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ھۈجەيرە قوشۇلۇپ قوشۇلغۇچى سپورىنى ھاسىل قىلىدۇ. قوشۇلغان بۇ ئىككى ھۈجەيرە گامېتا خالتىسى دەپ ئاتىلىدۇ.