Uyghurئاساسىي لۇغەت
گامماⅡ
گامماⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] رادىي (Ra) ۋە باشقا بىر قىسىم رادىئوئاكتىپ ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتومى چىقارغان نۇر. يەنى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى. تېشىپ ئۆتۈش كۈچى X نۇرىدىنمۇ كۈچلۈك بولۇپ، نەچچە ئون سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى پولات تاختىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. سانائەتتە مېتاللارنىڭ دەز جايىنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ، تېبابەتچىلىكتە دېزىنفېكسىيە قىلىش، ئۆسمىنى داۋالاشلاردا ئىشلىتىلىدۇ.