Uyghurئاساسىي لۇغەت
گايتى ئېسىلزادىلىرى
دۇنيا تارىخى
<ئېلىتې> دەپمۇ ئېلىنىدۇ. گايتى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئاقسۆڭەكلەر، گايتىدىكى قاتتىق <تائىپە> تۈزۈمىدىكى <ئېسىلزادىلەر تائىپىسى>. ئۇلارنىڭ تولىسى نىگېرلار بىلەن ئاق تەنلىكلەردىن بولغان پروتكىلار، ئاز ساندىكى باي نېگىرلارمۇ بار. ئادەتتە چوڭ شەھەرلەرگە ئولتۇراقلاشقان، يېزىلاردا يەر - مۈلكى بار، ھۆكۈمەتتە مەمۇرىي، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن، چوڭ سودا - سانائەت ياكى ئادۋوكاتلىق، دوختۇرلۇققا ئوخشاش ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان، نۇرغۇن بايلىققا ئىگە. ئادەم سانى پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئاران 3 پىرسەنت ئەتراپىنى تەشكىل قىلىدۇ.