Uyghurئاساسىي لۇغەت
گايتسكېلل
دۇنيا تارىخى
(1906 - 1963)، ئەنگلىيە لېيبۇرىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى (1955 - 1963). ياشلىقىدا ئوكسىفوردا داشۆسىدە ئوقۇغان. كېيىن لوندون داشۆسىدە سىياسىي ئىقتىسادتىن دەرس ئۆتكەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دەسلەپتە ئۇرۇش ۋاقتى ئىقتىساد مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، كېيىن سودا ۋەزىرى بولغان. 1945 - يىلى تۆۋەن پالاتانىڭ لېيبورىستلار پارتىيىسىدىن بولغان ئەزالىقىغا سايلانغان. 1947 - 1950 - يىللىرى نېفىت ۋە ئېنېرگىيە ۋەزىرى بولغان. 1950 - 1951 - يىللىرى مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1955 - يىلدىن باشلاپ ئەتتلېنىڭ ئورنىنى بېسىپ لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1959 - يىلدىكى پارلامېنت سايلىمىد لېيبورىستلار پارتىيىسى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بەزى مۆتىدىل سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشنى مەسىلەن: لېيبورىستلار پارتىيىسى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ئاتوم ئۇرۇشى تەييارلىقىنى ئۆز ئالدىغا قىسقارتىش قاتارلىقلاردىن ۋاز كېچىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما 1960 - يىلدىكى لېيبورىستلار پارتىيىسىنىڭ يىغىنىدا سول قانات كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.