Uyghurئاساسىي لۇغەت
فېسوسېۋ
دۇنيا تارىخى
(1871 - 1898)روسىيەدىكى ئەڭ دەسلەپكى ماركسىزم تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ بىرى. سوت تەھقىقلىگۈچىسى ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقىرىلغان. كېيىن قازاندا لېنىن قاتناشقان بىرىنچى تۈركۈم ماركسزمچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان. ئەسەر يېزىپ، نارودنىڭ مۇتەپەككۇرى مىخايلوۋىسكى بىلەن مۇنازىرلەشكەن. 1889 - يىلى 7 - ئايدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان. كېيىن كۆپ قېتىم سۈرگۈن قىلىنغان، قاماققا ئېلىنغان. 1892 - يىلنىڭ باشلىرىدا ئوخرانكىنىڭ ئاشكارا نازارىتى ئاستىدا، ۋىلادېمىر ئۆلكىسىدىكى بەزى ياشلارنىڭ نارودنىكلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن؛ ئۇزاق مەزگىللىك نازارەت ئاستىدا داۋاملىق ئىنقىلابىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان، ئىلمىي سوتسىيالىزم ئىدىيىسىنى تارقاتقان. كېيىن ئىركۇتىسكىدا چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.