Uyghurئاساسىي لۇغەت
فېرمېنت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېچىتىش، بولدۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدىغان <ئېچىتقۇ> ئومۇمەن ئېچىتىشقا تېگىشلىك نەرسىلەرگە سېلىنىدۇ.
<خېمىرتۇرۇچ>، <پاگى> خېمىرنى بولدۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىدۇ. <كۆنەلگە> قېتىق، قىمىزلارنى ئۇيۇتۇش ئۈچۈن سېلىنىدۇ.
ئېچىتقۇسىز ئېچىتىشقا ئۇرۇنما. سۆزنىڭ خېمىرتۇرۇچى - ماقال. خېمىرنىڭ پاگىسى ئېشىپ كېتىپ، نان ئاچچىق بولۇپ قاپتۇ. كۆنەلگە يوق، قېتىم ئۇيۇتالمىدىم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
بىئولوگىيە
جانلىقلار تېنىدىكى ھۈجەيرىلەر ھاسىل قىلىدىغان يىلىمسىمان ئورگانىك ماددا. ئاقسىلدىن تۈزۈلىدۇ. ئادەتتە ئۇ ئۇرگانىزملار ئىچىدىكى خىمىيۋى ئۆزگىرىشنى تېزلىتىش يەنى تەن ئىچىدىكى ئوكسىدلىنىش، ھەزىم قىلىش ۋە ئېچىتىش رولى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. بىر خىل فېرمېنت پەقەت مەلۇم بىر تۈر ياكى مەلۇم بىر خىل خىمىيىۋى ئۆزگىرىشكە قارىتا كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينىيالايدۇ.