Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىردەۋس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: فەرادىس. جەننەت، باغ؛ سەككىزىنچى جەننەتنىڭ نامى:
جەننەتى فىردەۋس ئارا گەر ھۇرى رىزۋان ئىزدەسەم،
تاپماغايمەن بىر سېنىڭدەك ساھىب ئەسارى يەنە.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باغ، جەننەت باغچىسى، ئۇجماغ؛ 8 جەننەتنىڭ بىرى. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: كۆڭلۈك ئارا لەئلىڭنىڭ فىردەۋسىمۇ ئىكەن ئايا، ئىشقىڭ ئوتىدىن قويغان مۇجمەرمۇ ئىكەن ئايا. (زوھۇرى).
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان جەننەتنىڭ ئىسمى. قەيت قىلىنىشىچە، ئىمان ئېيتقان ھەم ساۋابلىق ئىشلارنى قىلغانلار مەڭگۈ شۇ يەردە تۇرىدۇ. مۇفەسسىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، جەننەت سەككىز قەۋەت بولۇپ، فىردەۋس جەننەتلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى سەككىزىنچى قەۋىتى ئىكەن.