Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىردەۋسى
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 934 ياكى 194 - 1020) پېرسىيە شائىرى. ھەقىقىي ئىسمى ئەبۇل قاسىم مەنسۇر، تۇس شەھىرى ( ھازىرقى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فىردەۋىس) دىكى بىر ئاقسۆڭەكنىڭ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئوبدان تەربىيە كۆرگەن، ئىراننىڭ قەدىمكى زامان تارىخى ۋە خەلق ئارىسىدىكى چۆچەكلەردىن ئوبدان خەۋەر تاپقان. <شاھنامە> دېگەن داستانى ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئەسىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى مىلادى 976 - يىلى ئىشلەشكە كىرىشىپ، 1010 - يىلى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭغا 35 يىل ئەجىر قىلغان، داستاندا ئىراننىڭ قەدىمكى زامان رىۋايەتلىرى ۋە تارىخى بايان قىلىنغان، ۋەقەلەر مىلادى 641 - يىلىغا كېلىپ توختىغان. ئۇ بۇ داستاننى غەزنەۋىيلەرنىڭ سۇلتانى ماھمۇدقا تەقدىم قىلغان، ئۇ بۇنىڭ قەدرىگە يەتمىگەن. داستاندا ھۆكۈمرانلارنى زەردە بىلەن مەسخىرە قىلغانلىقتىن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان، كېيىن ھېرات، باغداد قاتارلىق جايلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، بۇ مەزگىلدە <قۇرئان> دىن ماتېرىيال ئېلىپ، <يۈسۈپ ۋە زىلەيخا> داستانىنى يازغان. كېيىن ئۆز يۇرتىدا ۋاپات بولغان.