Uyghurئاساسىي لۇغەت
فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسى
دائىرە: دۇنيا تارىخىفرانسىيەنىڭ ناپولېئون Ⅰ ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن چاغدىكى پادىشاھلىق ئىستېبداتلىق دۆلەت (1804 - 1814، 1815). 1804 - يىلى 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، سېنات ناپولېئوننى فرانسۇزلارنىڭ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان كورۇلى دەپ جاكارلاپ، ناپولېئون Ⅰ دەپ ئاتىغان. 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى رىما پاپاسى پىئۇس Ⅶ پارىژدىكى بۈۋى مەريەم چېركاۋسىدا ناپولېئونغا تاج كىيدۈرۈپ، رەسىمىي ئىمپېرىيە تۈزۈمى ئورنىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ سەككىزىنچى يىلىدىكى ئاساسىي قانۇنىغا ئازراق تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئون ئىككىنچى يىلدىكى ئاساسىي قانۇنى دەپ ئاتىغان. ناپولېئون6 - قېىتملىق فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، 1814 - يىل 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى بىرىنچى قېتىملىق تەختتىن چۈشكەن، ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن، بوربون سۇلالىسى بىرىنچى قېىتم قايتا تىرىلگەن. 1815 - يىلى 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ناپولېئون قايتىدىن ئورنىغا چىقىپ، يۈز كۈنلۈك سۇلالىنى قۇرغان. 6 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ۋاتېرلودا7 - قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى بىرلەشمە ئارمىيە تەرىپىدىن تارمار قىلىنغان. 22 - كۈنى يەنە بىر قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، بىرىنچى ئىمپېرىيە ئاخىرلاشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.