Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىقھ سۈننەت
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا قىلغان ئەھكام چىقىرىش مەزمۇنىغا ئىگە سۆز - ھەرىكەتلىرىنىڭ يىغىندىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، شەرىئەتنىڭ تۆت مەنبەسىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى خاۋارىجلارنىڭ كاتتىبېشى ئىبنى ئىباد ھەممىدىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويدى. كېيىن ھەسەن بەسرە قوللاندى. لېكىن تەپسىر قىلمىدى. Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا مۇھەددىسلەر بۇنى تۇنجى قېتىم فىقھە مەنىسىدە قوللىنىپ، ئەھكام تۈزۈشنىڭ ئاساسى قىلدى. لېكىن، ئۇلار ئېيتقان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى، سۈننەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتلەر ئاساس قىلىندى. مۇسۇلمانلار ئۈممەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق ئارىسىدىكى ئادەتلەرنى راسلىرى بىلەن ساختىلىرى ئايرىلماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىش تەس بولدى. كېيىن ئىمام شافىئىي ئېنىق چەك بەلگىلەپ، فىقھ سۈننەت بىلەن <قۇرئان كەرىم> خەلق ئىچىدىكى ئادەتكە ئوخشىمايدۇ. <قۇرئان كەرىم> دىن قالسا فىقھ سۈننەت فىقھەنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى بولۇپ، قۇرئاننى تەپسىر قىلىش، تولۇقلاش رولىغا ئىگە. مۆمىنلەر ئۇنىڭغا قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. Ⅸ ئەسىردىن كېيىن سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئالتە چوڭ ھەدىس كىتابىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، فىقھ سۈننەتنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ تولۇقلاندى. ئۇنىڭ چەكلەش كۈچىنى ئەھلى فىقھەلەر ئورتاق ئېتىراپ قىلدى.