Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىكر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: ئەفكار. ئوي، خىيال، پىكىر؛ مۇلاھىزە؛ ئەندىشە؛ غەم، تەشۋىش:
جان ئۇتماق فىكرىدە غەم كەئبەتىنىن،
يۈز ئاچسا كىشىگە بەرمەس يۈزدە بىر تاس.
ئەرشى.
قاف قاراقىم سىزغۇرۇپ، يىغلاپ يولۇڭدا زار - زار،
بۇ مېنىڭ كۆڭلۈمە فىكرىم، قىيلۇ قالىم سەنمۇ سەن؟
موللا سالېھ.