Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىنلاندىيە مىللىي ھەرىكىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخى19 - ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن كېيىن فىنلاندىيە بارلىققا كەلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتى. 1808 - 1809 - يىللىرىدىكى روسىيە - شۋېتسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، فىنلاندىيە شۋېتسىيىدىن ئايرىلىپ، روسىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدىكى ئاپتونوم دۆلەتكە ئايلانغان. فىنلاندىيە خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كەيپىياتى ئۆرلەپ بارغان. 1820 - يىلدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى جارچىسى بولغان تارىخشۇناس ئارۋىدىسون، تىل مىللەت خاراكتىرىنى ئۆلچەشنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى دەپ ھېسابلاپ، فىن تىلىنى مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت تىلى قىلشنى تەشەببۇس قىلغان. لۇنرۇت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن فىنلاندىيە مىللىي ئىپوسى - <كالۋارا> (ياكى <قەھرىمان دۆلەت>) فىنلارنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بەزى ستودېنتلار ۋە زىيالىيلار 1830 - يىلى شەنبە كۈنلۈك ئىلمىي جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان. 1831 - يىلى بۇ ئاساستا فىنلاندىيە ئەدەبىيات جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، <كالۋارا> ۋە <فىنلاندىيە> ژورنىلىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى مەركەزگە ئايلاندۇرغان. لۇندات (رۇنبېرگ)، توپېلى بىلەن سنېللمان قاتارلىق كىشىلەرمۇ فىنلاندىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللىي ئويغىنىشىغا ھەسسە قوشقان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.