Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فىنلاندىيە مىللىي ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
芬兰民族主义运动
fēn lán mín zú zhǔ yì yùn dòng
ⅪⅩ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرىدىن كېيىن فىنلاندىيە بارلىققا كەلگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەركىتى. 1808 - 1809 - يىللىرىدىكى روسىيە - شۋېتسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، فىنلاندىيە شۋېتسىيىدىن ئايرىلىپ، روسىيە ئىمپېرىيىسى ئىچىدىكى ئاپتونوم دۆلەتكە ئايلانغان. فىنلاندىيە خەلقنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك كەيپىياتى ئۆرلەپ بارغان. 1820 - يىلدىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتى بارلىققا كەلگەن، بۇ ھەرىكەتنىڭ دەسلەپكى جارچىسى بولغان تارىخشۇناس ئارۋىدىسون، تىل مىللەت خاراكتىرىنى ئۆلچەشنىڭ ئاساسلىق ئۆلچىمى دەپ ھېسابلاپ، فىن تىلىنى مەكتەپ، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت تىلى قىلشنى تەشەببۇس قىلغان. لۇنرۇت تەرىپىدىن تۈزۈلگەن فىنلاندىيە مىللىي ئىپوسى - <كالۋارا> (ياكى <قەھرىمان دۆلەت>) فىنلارنىڭ مىللىي ئېڭىنىڭ تەرەققىياتىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بەزى ستودېنتلار ۋە زىيالىيلار 1830 - يىلى شەنبە كۈنلۈك ئىلمىي جەمئىيىتىنى تەسىس قىلغان. 1831 - يىلى بۇ ئاساستا فىنلاندىيە ئەدەبىيات جەمئىيىتىنى قۇرۇپ، <كالۋارا> ۋە <فىنلاندىيە> ژورنىلىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى تەتقىق قىلغۇچى مەركەزگە ئايلاندۇرغان. لۇندات (رۇنبېرگ)، توپېلى بىلەن سنېللمان قاتارلىق كىشىلەرمۇ فىنلاندىيە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللىي ئويغىنىشىغا ھەسسە قوشقان.