Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىلىپپى جېڭى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى رىمدا ئانتونىئوس بىلەن ئوكتاۋىئوس (ئاۋگۇستۇس) جۇمھۇرىيەتچى برۇتۇس، كاسسۇسلارنى مەغلۇپ قىغان جەڭ. مىلادىدىن 42 يىل ئىلگىرى كۈزدە ماكېدونىيىدىكى (ئىگېي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى) فىلىپپى دېگەن جايدا بولغان. رىم تارىخچىسى ئاپپانۇس (2 - ئەسىردە ئۆتكەن) نىڭ يېزىشىچە، ئانتونىئوس بىلەن ئوكتاۋىئوسنىڭ قوشۇنىدا تەخمىنەن 13 مىڭ ئەسكەر، برۇتۇس بىلەن كاسسۇسنىڭ قوشۇنىدا تەخمىنەن 20 مىڭ ئەسكەر بولۇپ، ھەرئىككى تەرەپتە فراكىيىلىكلەردىن تەشكىل قىلىنغان ئاتلىق ئەسكەرلەر بار ئىكەن. ئالدىنقىسى ھەربىي تەمىنات يەتكۈزۈپ بېرىشتە قىينالغان، كېيىنكىسى ۋاقىتنى ئۇزۇنغا سوزۇش ئارقىلىق غەلىبە قازىنىشقا ئۇرۇنغان، جەڭ بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان. دەسلەپكى جەڭلەردە ئۆز ئارا يېڭىش - يېڭىلىشلار بولغان، ئەممە كاسسۇس قىسمەن مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ھەل قىلغۇچ جەڭ ئېلىپ بارغان، ئاخىرى برۇتۇس مەغلۇپ بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. نەتىجىدە <كېيىنكى ئۈچلەر ئىتتىپاقى> رىمدا ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ھەقىقىي تۈردە تىكلەپ، جۇمھۇرىيەت كۈچلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقاتقان. فىلىپپى جېڭى رىمنىڭ ئىمپېرىيە تۈزۈمىگە مېڭىشىغا يول تازىلاپ بەرگەن.