Uyghurئاساسىي لۇغەت
فىلىپپىن خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيىسى
دۇنيا تارىخى
فىلىپپىن كومپارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قوشۇن. 1942 - يىلى 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەزالىرى دېھقانلارنى ئاساس قىلغان. ياپون باسقۇنچىلىرى ۋە قورچاق ئارمىيە بىلەن 1200 قېتىمدىن ئارتۇق جەڭ قىلغان، جەمئىي 25 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان. لۇزون ئارىلىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلاردا ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرغان. ياپون تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى <خەلق ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيىسى يولداشلار ئۇيۇشمىسى> نى تەشكىل قىلىپ، ئامېرىكا - فىلىپپىن قوشۇنلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلىرىغا قاراتقان ھۇجۇمىغا زەربە بەرگەن. 1948 - يىلنىڭ ئاخىرىدا، فىلىپپىن كومپارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، فىلىپپىن خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى رەسمى تەشكىل قىلىنىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان.