Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فلاندىن
دۇنيا تارىخى
佛兰亭
fó lán tíng
(1889 - 1958) فرانسىيە زۇڭلىسى (1934 - 1935). دەسلەپ ئادۋوكات بولغان. 1914 - يىلدىن تارتىپ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1922 - يىلى خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە جەمئىيىتىنىڭ فرانسىيە ۋەكىلى بولۇپ تۇرغان. سودا مىنىستىرى (1924، 1929 - 1930)، مالىيە مىنىستىرى (1931 - 1932)، جامائەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1934)، دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى (1935 - 1936)، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى (1936) قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. گېرمانىيە، ئىتالىيە فاشىستلىرىنىڭ ياۋرۇپادىكى تاجاۋۇزىغا يول قويۇش سىياسىتىنى تۇتقان. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تۇرغاندا، گېرمانىيەنىڭ رېيىن رايونىنى بېسىۋېلىشىغا يول قويغان. 1938 - يىلى <ميۇنخېن كېلىشىمى>نى ئىمزالاشنى قوللىغان. 1940 - 1941 - يىللىرى ۋىيشى ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سوتقا تارتىلغان (1946)، كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇنىڭ <1919 - 1940 - يىللاردىكى فرانسىيە سىياسىتى> ناملىق ئەسىرى بار.