Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فەن خوڭتەي
دائىرە: دۇنيا تارىخى范鸿泰
fàn hóng tài
(1893 - 1924) ۋيېتنامنىڭ ئىرادىلىك ۋەتەنپەرۋەرى. ئەسلى ئىسمى چېڭجى. نگېئان ئۆلكىسىدىن. ئىشچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1924 - يىل 6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى جۇڭگونىڭ گۇاڭجۇ ئۆلكىسىدىكى شاميەندە بومبا تاشلاپ فرانسىيىنىڭ ھىندىچىندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى مېرىلىننى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. فرانسىيە كونسىسىيە ساقچىلىرى قوغلاپ تۇتماقچى بولغاندا ئۆزىنى جۇجياڭ دەرياسىغا تاشلاپ ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.