Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
فەن شىۋېن قوزغىلىڭى
دائىرە: دۇنيا تارىخى范师温起义
fàn shī wēn qǐ yì
ۋيېتنامدىكى چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى دېھقانلار قوزغىلىڭى. 1389 - يىلى راھىب فەنشىۋېن ئاممىغا باشلامچىلىق قىلىپ گوۋىي (ھازىرقى شەنسى)دېگەن جايدا قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە پايتەخت تخانلۇڭ (ھازىرقى خانۇي) شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، بۇ جايدا ئۈچ كۈن تۇرغان، پادىشاھ ئالدىراپ - تېنەپ قېچىپ كەتكەن. كېيىن چىن سۇلالىسى قوشۇنى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.