Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
芬兰一九一八年革命
دۇنيا تارىخى
1918-يىلدىكى فىنلاندىيە ئىنقىلابى
فىنلاندىيىدىكى پرولېتارىيات ئىنقىلابى. 1917-يىلى روسىيە ئۆكتەبر ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن، 12-ئايدا فىنلاندىيە مۇستەقىل بولغان، بىراق ھاكىمىيەتنى بۇرژۇئا ئىگىلىۋالغان. فىنلاندىيە پرولېتارىياتنى ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن، ئىشچىلار قىزىل گۋاردىيىسىنى تەشكىللىگەن. 1918-يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى پايتەخت قوزغىلىڭى ئارقىلىق ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئەتىسى ئىنقىلابىي ھۆكۈمەت خەلق ۋەكىللرى سوۋېتى قۇرۇلۇپ، خۇسۇسىي بانكىلارنى نازارەت قىلىش، تېرىغۇچىدا يەر بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى جاكارلاپ، ئىنقىلابنى تېزلىك بىلەن جەنۇبىي قىسمىدىكى كەڭ رايونلارغا كېڭەيتكەن. كېيىن ئاغدۇرۋېتىلگەن بۇرژۇئا ھۆكۈمىتى ئاقلار قوشۇنىنى تەشكىللەپ، مانىنېرھېمنىڭ قوماندانلىقىدا گېرمانىيە مۇداخىلىچىلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا 1918-يىلى 4-ئايدا پايتەختكە بېسىپ كىرىپ، ئىنقىلابنى باستۇرۋەتكەن.