Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
芬兰公国
دۇنيا تارىخى
فىنلاندىيە كىنەزلىكى
فىنلاندىيىنىڭ شۋېتسىيىگە قارام مەزگىلىدىكى كىنەزلىك نامى. شۋېتسىيە تەسىر كۈچى ⅢⅩ ئەسىردىن باشلاپ، فىنلاندىيىنى تىزگىنلەپ كەلگەن ھەمدە خرىستىئان دىنى كىرگەن. 1556 - يىلى شۋېتسىيە پادىشاھى گۇستاۋ ۋاسا فىنلاندىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىنى بىر كىنەزلىك قىلىپ، ئوغلى ئىيۇئان (ئىيوھان Ⅲ) كە سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن. ئۇ، فىنلاندىيە زېمىندا تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كىنەزلىكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى بىردىنبىر فىنلاندىيە گېرتسۇگى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوردىسى فىنلاندىيىنىڭ تۇركۇ قەلئەسى ئىچىگە جايلاشقان. كىنەزلىك يەنىلا شۋېتسىيە پادىشاھلىقىنىڭ تەركىبىي قىسمى ھېسابلانغان. 1563 - يىلى ئىيوئان تەختكە ۋارىسلىق قىلغان. ئۇ كورۇل ئېرىك ⅣⅩ بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، شۇنىڭ بىلەن كىنەزلىكمۇ ئاياغلاشقان. 1581 - يىلى شۋېتسىيە كورۇلى ئىيوئان Ⅲ فىنلاندىيىنى بۈيۈك كىنەزلىك قىلىپ، ئۆزى بۈيۈك كىنەز بولغان. 1809 - يىلى شۋېتسىيە روسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، فىنلاندىيىدىن ۋاز كېچىپ، فىنلاندىيە روسىيەنىڭ بىر چوڭ كىنەزلىكىگە ئايلىنىپ، ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. روسىيە ئىمپېراتورى فىنلاندىيىنىڭ چوڭ كىنەزى بولغان.