Uyghurئاساسىي لۇغەت
فەنا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۆلۈم، ئەجەل؛ يوقلۇق، يوق بولۇش، ئۆلۈش، تۆگەللىنىش:
ئۆزلۈكىتىن كېچىش، ئۆزىنى ئۇنتۇش؛ تەسەۋۋۇپ يولىغا كىرىش:
1. نەسىم ئەتكەچ فەنا ئالەم ۋۇجۇدىن،
ساۋۇرمىش گەردنى چۇن بادى سەرسەر.
ئەرشى.
تۆكۈلدى جان سۇيى تەن زەرفى سۇندى،
فەنا بولدى، يىقلدى ھەم كۆڭلى تىندى.
خىرقەتى.
2. تا جەمالىڭ كەئبەسىدىن ئارزۇ ئەتكەچ كىشى،
دەشتى سەھرالارنى قەتئ ئەيلەپ فەنا بولدى دەرىغ.
شەۋقى.