Uyghurئاساسىي لۇغەت
فەن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كۆپلۈكى: فۇنۇن. ئىلىم، ھۈنەر، سەنئەت؛ كەسىپ:
ھىيلە، نەيرەڭ:
مەقسەت:
1. ئانىڭ پەيرۋەلىغىنى لازىم ئەيلەپ،
بۇ فەندە سەنھەم ئولدۇڭ نەچچە دۇر بار.
ئەرشى.
جەفايۇ شىۋەيۇ فەن ئىلمى ئىچرە،
كۆزۈڭ شاگىردىدۇر دەۋرانى ئەفلاك.
لۇتقى.
2. قىلۇر قان غەمزەسى كۆزلەرنى باغلاپ،
ھالال ئولسۇنكى سىھر ئەيلەر بۇ فەندە.
لۇتقى.
3. چۇن ساڭا كەئبە تەۋافى ئېردى فەن،
دەير ئىشگىندە نېدىن تۇتتۇڭ ۋەتەن.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىلىم، ئىلىم، پەن؛ ھۈنەر؛ سەنئەت؛ ئىقتىدار؛ ھىيلە، مىكىر(كۆپلۈكى<فۇنۇن>): يەك فەن - ئىختىساسلىق، تولۇق ئىگەلىگەن (ئۆز ھۈنىرىنى)، ماھىر؛ ئەھلى فەن - بىلىمدان، ئالىم، ھۈنەر ئىگىسى؛ پۇرفەن - ھىيلىگەر، نەيرەڭۋاز؛ فەن ئەيلىمەك - ئۈگەتمەك، ئادەتلەندۈرمەك؛ ھىيلە قىلماق.