Uyghurئاساسىي لۇغەت
فاتىمە سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
جۇڭگونىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا <يېشىل يەكتەكلىكلەر> دەپئېلىنغان. غەربنىڭ تارىخىي ھۆججەتلىرىدە بولسا جەنۇبىي ساراسېن ئىمپېرىيىسى دەپ ئاتالغان. ئىسلام دىنى شىئە مەزھىپىنىڭ شىمالىي ئافرىقىدا قۇرغان فېئوداللىق سۇلالە (909 - 1171). مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى فاتىمەنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. قۇرغۇچى ئىسمائىلىيە مەزھىپىنىڭ باشلىقى ئۇبەيدۇللا (؟ - 934). ئۇ ئۆزىنى فاتىمە ۋە ئەلىنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتىغان. مىلادى 909 - يىلى مەھدى (نىجاتكار) دەپ نام ئېلىپ خەلىپە بولغان. تۇنىس دېڭىز بويىدىكى مەھدىيە شەھىرىنى پايتەخت قىلغان. ئۇبەيدۇللانىڭ كېيىنكى ۋارىسلىرى ماراكەش ۋە سىتسىلىيە ئارىلىنى بويسۇندۇرغان، دېڭىز ئارمىيىسى ھەمىشە فرانسىيىنىڭ جەنۇبىي ۋە ئىتالىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلىرىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ تۇرغان. 969 - يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلغان، 973 - يىلى پايتەختنى قاھىرەگە كۆچۈرگەن، شۇنداق قىلىپ، سۇلالىنىڭ مەركىزى بارا - بارا مىسىرغا يۆتكەلگەن. كېيىن سۈرىيە، پەلەستىن ۋە ھىجاز رايونىنى ئىستېل قىلغان. خەلىپە ئەزىز ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن مەزگىللىرى (975 - 996) سۇلالە روناق تاپقان، سودا- سانائىتى تەرەققى قىلغان، پەن - مەدەنىيىتى گۈللەپ ياشناپ، ئەزھەر مەسچىتى ئىسلام دىنىنىڭ دۇنيادىكى مەشھۇر مەدرىسىگە ئايلانغان. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىن باشلاپ چوڭ ھوقۇق مەملۇكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. ئالجىرىيە ۋە تۇنىس قاتارلىق جايلار ئارقا - ئارقىدىن فاتىمە سۇلالىسىنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان؛ سۈرىيە ۋە پەلەستىن سەلجۇق تۈركلىرى ھەم ئەھلىسەلىپ ئارمىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدە قالغان. 1171 - يىلى فاتىمە سۇلالىسى سالاھىددىن تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.