Uyghurئاساسىي لۇغەت
فابىئان جەمئىيىتى
دۇنيا تارىخى
1884 - يىلى ئەنگلىيەدە بۇرژۇئا زىيالىيلىرىدىن تەشكىل قىلىنغان <سوتسىيالسىتك> تەشكىلات. قەدىمكىرىم قوماندانى فابىئوس ماكسىمنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. چۈنكى فابىئۇس گاننىبال بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ جەڭدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاستا ئىلگىرلەپ، پەيتنى كۈتۈش تاكتىكىسىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن، شۇ مەنىدە ئېلىنغان. ئۇنىڭ ئاساسىي رەھبەرلىرى ۋېبىب بىلەن بېرناردشاۋ. بېرنارد شاۋنىڭ باش مۇھەررىرلىكىدە نەشىر قىلىنغان <فابىئان سوتسىيالستىك ئەسەرلەر توپلىمى>دا پرولېتارىيات ئىنقىلابىغا ۋە پرولېتارىيات دىكتاتۇرىسىغا قارشى تۇرۇش تەرغىپ قىلىنغان؛ مۆتىدىل ۋە ئاستا ئىلگىرىلەش چارىسىنى قوللىنىپ، بۇرژۇئا دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋە شەھەر مەمورىيىتى ئاپپاراتىدىن پايدىلىنىپ، يەرلەرنى ۋە سانائەت كاپىتالىنى تەدرىجىي ھالدا يەرلىك جامائەت مۈلكىگە يەنى كوممونا مۈلكىگە ئايلاندۇرۇش تەشەببوس قىلىنغان؛ بۇرژۇئا دېموكراتىيىسى ھەدەپ قوغدىلىپ، پرولېتارىيات ئىنقىلابىي ھەركىتىگە قارشى تۇرۇلغان. 1900 - يىلى ئىشچىلار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان ئىشچىلار قۇرۇلتىيى ۋە ئىشچىلار ۋەكىللىرى كومىتېتىغا كوللېكتىپ ھالدا قاتناشقان. 1906 - يىلى، ئىشچىلار ۋەكىللىرى كومىتېتى ئىشچىلار پارتىيسى قىلىپ ئۆزگەرتىپ تەشكىل قىلىنغاندا، فابىئان جەمئىيىتى مۇستەقىل تەشكىلاتلىق ئورنى بىلەن قاتناشقان ھەمدە ئەمەلىيەتتە ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگلىگەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، فابىئانچىلار سوتسىيال شوۋىنىزىملىق مەيداندا تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا يېڭى فابىئان تەكشۈرۈش ئىدارىسى تەشكىل قىلغان ھەمدە 1938 - يىلى فابىئان جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ يېڭى فابىئان جەمئىيىتى بولغان. ئۇنىڭ رەھبەرلىرى ۋېببنىڭ ئايالى بېئاترىسې ۋېبب(1858 - 1943) بىلەن كولې(1889 - 1959). 1940 يىلى مۇستەملىكىلەر ئىدارىسى قۇرغان، 1952 -يىلى <يېڭى فابىئان قىسقا ئوبزورى>نى نەشىر قىلىپ، ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيىسىنى كەڭ تارقاتقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بەزى مەشھور ئەزالىرى لېيبۇرىسىتلار پارتىيىسىنىڭ ئوڭ قانات رەھبەرلىرىدىن بولۇپ، بۇ پارتىيىنىڭ سىياسىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن