Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
鄂图一世
دۇنيا تارىخى
ئوتتو Ⅰ
(912 - 973) يەنى ئىمپېراتور ئوتتو. گېرمانىيە ساكسېن سۇلالىسىنىڭ كورۇلى (936 - 973)، مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىمپېراتورى (962 - 973). تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، چېركاۋغا نۇرغۇن زېمىن بەرگەن ھەمدە زېمىن تەۋەلىكىدىكى مەمۇرىي ھوقۇق ۋە ئەدلىيە ھوقۇقىنى چېركاۋنىڭ باشلىقىغا بەرگەن (<ئوتتو ئىمتىيازى> غا قاراڭ)، چېركاۋنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ دەھرىي فېئودال ئىگىلىرىنى تىزگىنلەپ، كورۇل ھوقۇقىنى كۈچەيتمەكچى بولغان. مىلادى 951 - يىلى، ئىتالىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ، لومباردى رايونىنى ئىشغال قىلغان ھەمدە ئىتالىيە كورۇلى لوتورنىڭ تۇل قالغان ئايالى ئادېلايدې بىلەن توي قىلىپ، ئىتالىيە كورۇلى دېگەن نامغا ئىگە بولغان. 955 - يىلى ئاۋگوسبېرگ ئەتراپىدا ماجارلار (ۋېنگرلار) نى مەغلۇپ قىلغان. 961 - يىلى، رىم ئاقسۆڭەكلىرى قوغلاپ چىقارغان پاپا جون ⅡⅩ نىڭ ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللىغان. ئىككىنچى يىلى، جون ⅡⅩ رىم سان پېتر چېركاۋىدا ئوتتوغا تاج كىيدۈرۈپ، <رىم ئىمپېراتورى> دەپ ئاتىغان. بۇ مۇقەددەس ئىمپېرىيىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.