Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
鄂图
دۇنيا تارىخى
ئوتتو
تەخمىنەن (1114 - 1158) گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس. ھوقۇقدار ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئىلگىرى پارىژ داشۆسىگە كىرىپ، مەدرىس پەلسەپىسىنى تەتقىق قىلغان، 1138 - يىلى فرېسىڭ (گېرمانىيە باۋارىيە شتاتىدا) نىڭ ئېپىسكوپى بولغان. 1147 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى ئىمپېراتورى كونراد Ⅱ گە ئەگىشىپ ئەھلىسەلىپنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شەرققە يۈرۈشى (1147 - 1149) گە قاتنىشىپ، مەغلۇپ بولۇپ قايتىپ كەلگەن، كېيىن جىيەنى - ئىمپېراتور فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) نىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ <يىلنامە تارىخى> (<قوش قەلئە تارىخى> دەپمۇ ئاتالغان) دا <ئىنجىل> دىكى <دۇنيانىڭ يارالمىشى> دىن 1146 - يىلغىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. يەنە بىر ئەسىرى <ئىمپېراتور فرېدرىخ Ⅰ نىڭ ئىشلىرى> دا ئىمپېراتور ھېنرى Ⅳ تەختتە تۇرغان مەزگىلدىن 1156 - يىلغىچە (كېيىن ئۇنىڭ كاتىپى 1160 - يىلغىچە داۋاملاشتۇرۇغان) بولغان ئارىلىقتىكى گېرمانىيىنىڭ تارىخىي ۋەقەلىكلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋىتىنى خاتىرىلىگەن. ئۇنىڭ ئەسىرى كېيىنكىلەر ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىياللارنى ساقلاپ بەرگەن.
تارىخ
è tú
ئوتتۇ