—مەنبە
بالىلار مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپى
بالىلار مائارىپى
ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلارغا قارىتىلغان مائارىپ بولۇپ، ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى تەربىيىنىڭ بىربۆلىكى ھېسابلىنىدۇ. بالىلار مائارىپى سوتسىيالىستىك مائارىپنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ئاساسى مائارىپىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئېلىمىز ئوقۇش تۈزۈمىنىڭ ئاساسى بۆلۈكى ھېسابلىنىدۇ. شىنجاڭنىڭ بالىلار مائارىپى ئىشلىرى 50 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى ئارقىلىق كىشىنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. 1949 - يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاران ئىككىلا يېرىم كۈنلۈك تۈزۈمدىكى بالىلار باغچىسى بار ئىدى. بالىلار سانى 112 نەپەر، ئوقۇتقۇچى سانى يەتتە نەپەر بولۇپ، تەربىيىلەش سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن ئىدى. ئازادلىقتىن كېيىن <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> باشلانغانغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلار مائارىپى ئىنتايىن تېز تەرەققىي قىلدى، ئەسلىدىكى بالىلار باغچىلىرىنى تەرتىپكە سېلىش، ئۆزگەرتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسىدا نۇرغۇن زاۋاۇت، كان، كارخانىلاردا بالىلار مائارىپ ئورگانلىرى قۇرۇلدى. 1965 - يىلى رايونىمىزدا 187 بالىلار باغچىسى، ئۇلاردا 647 بالىلار سىنىپى بار بولۇپ، بالىلار سانى 18893 نەپەر، ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى 2317 نەپەر ئادەمگە يەتتى. <مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى> مەزگىلىدە بالىلار مائارىپى ئىشلىرى مىسلىسىز دەرىجىدە ۋەيران قىلىندى. يەسلىدىكى بالىلار كۆپ مىقداردا ئازلاپ كېتىپ، بالىلار مائارىپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى جەھەتتىمۇ زىيىنى ئېغىر بولدى. 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، رايونىمىزنىڭ بالىلار مائارىپى تەدرىجىي ھالدا قانۇنغا تايىنىپ ئىدارە قىلىش، ئىلمىي باشقۇرۇش، ھەر تەرەپتىن تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىپ، ھەر دەرىجىلىك ھەر تۈرۈلۈك بالىلار باغچىلىرى قۇرۇش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، ئوقۇش سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئوقۇش تارىخىي لاياقەتلىك، ساپاسى بىر قەدەر يۇقىرى، بىر قەدەر كۈچلۈك كەسپىي ئەخلاق ۋە كەسپىي روھقا ئىگە بالىلار مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى ۋە باشقۇرۇش قوشۇنىغا ئىگە بولدى. رايونىمىزنىڭ بالىلار مائارىپى شەھەر - يېزىلاردا ئاساسەن مەملىكەتلىك ئۈلگىلىك بالىلار باغچىلىرىنى ئۈلگە قىلىش، ھۆكۈمەت قۇرغان كۆزنەك بالىلار باغچىلىرى باشلامچى بولۇپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلاردا بالىلار باغچىلىرى قۇرۇشنى ئاساسى گەۋدە قىلىش، شەخسلەرنىڭ بالىلار باغچىلىرى قۇرۇشىنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت كۆپ تەرەپلىمىلىك بالىلار باغچىسى قۇرۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈلدى. 1996 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرى مەملىكەتلىك بالىلار مائارىپىدىكى ئىلغار شەھەر بولۇپ باھالاندى. بالىلار مائارىپى ئىنتايىن ئاجىز بولغان يېزا، چارۋىچىلىق رايونلاردا، يېزا، كەنتلەردە مەركىزىي بالىلار باغچىسى قۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنتىزىم ۋە مۇنتىزىم بولمىغان شەكىللەر ئۆزئارا بىرلەشكەن بالىلار مائارىپى ئورگانلىرىنى قۇرۇش شەكلىنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىندى. نۆۋەتتە رايونىمىزدىكى يېزا، قىشلاقلاردا بالىلارنىڭ ئوقۇتۇشتىن بۇرۇنقى بىر يىللىق تەربىيە ئېلىش نىسبىتى 60 پىرسەنتتىن ئاشتى. 1990 - يىلى رايونىمىزدا تۇنجى قارار ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مەخسۇس بالىلار باغچىسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەيدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى - شىنجاڭ بالىلار پىداگوگىكا مەكتىپى قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، ئالىي مەكتەپ، تولۇق (مەخسۇس) كۇرسلار بويىچە بالىلار باغچىسى مائارىپى كەسپىنى تەسىس قىلدى. 1999 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، رايونىمىزدىكى بالىلار باغچىسى جەمئىي 811 نەپەر، بالىلارنىڭ سانى 212 نەپەر، كەسپىي ئوقۇتقۇچىلار 9172 ئادەمگە يەتتى.