—مەنبە
خۇيزۇلار مائارىپى
شىنجاڭ مائارىپى
مىللەتلەر مائارىپى
خۇيزۇلار مەكتەپ مائارىپىنىڭ مەنبەسى ئىسلام دىنىنڭ دىنىي پائالىيەتلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قەدىمكى مائارىپ
ئاساسلىقى دىنىي مەكتەپ شەكلىدە ئېلىپ بېرىلغان. 20 - ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرى خۇيزۇلار مائارىپى ئاز سانلىق مىللەت مائارىپى بولۇش سۈپىتىدە
تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان. بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىلەتلەر مائارىپىغا ئەھمىيەت بېرىش
ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىياسىتى، شۇنداقلا ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەكتەپ قۇرۇش پائالىيەتلىرىنىڭ مەھسۇلى. 1943 - يىلى شىنجاڭدىكى
ھۆكۈمەت، ئويۇشمىلار قۇرغان مەكتەپلەردىكى خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلار سانى 7447 نەپەرگە، يەتكەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مىللىي
سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، خۇيزۇلار مائارىپى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدى. 1965 - يىلى مەكتەپتىكى خۇيزۇ ئوقۇۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ
مەكتەپتە 41779 نەپەرەە، كەسپىي مەكتەپلەردە 160 نەپەرگە، ئىشچىلار تېخنىك مەكتەپلىرىدە 52 نەپەرگە، يېزا ئىگىلك ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە 683
نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 3526 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتەپلىرىدە 142 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك تېخنىك
مەكتەپلىرىدە 375 نەپەرگە، ئالىي مەكتەپلەردە 86 نەپەرگە يەتتى، خۇيزۇ ئوقۇتقۇچىلار سانى بولسا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە 5240 نەپەرگە، ئىشىچلار
تېخنىك مەكتەپلىرىدە تۆت نەپەرگە، دېھقانچىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئالتە كىشىگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 90 نەپەرگە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك
تېخنىكا مەكتەپلىرىدە 16 نەپەرگە، ئالىي مەكتەپلەردە 28 نەپەرگە يەتتى.
پارتىيىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، خۇيزۇلار مائارىپى يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشتى. 1999 - يىلى ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل
تىپتىكى مەكتەپلەردىكى خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلار سانى بالىلار باغچىسىدا 9702 نەپەرگە، باشلانغۇچ مەكتەپتە 109865 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە
41347 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 5733 نەپەرگە، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 1378 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم
مەكتەپلىرىدە 2504 نەپەرگە، ئالىي مەكتەپلەردە 834 نەپەرگە يەتتى. خۇيزۇ ئوقۇتقۇچىلار سانى بولسا، بالىلار باغىچىسىدا 494 نەپەرگە، باشلانغۇچ
مەكتەپتە 3148 نەپەرگە، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 1000 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 206 نەپەرگە، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپلەردە 81
نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردە 34 كىشىگە، ئالىي مەكتەپلەردە 135 نەپەرگە يەتتى. 1999 - يىلى ھەر ئون مىڭ نوپۇس ئىچىدە
مەكتەپتىكى خۇيزۇ ئوقۇغۇچىلار سانى باشلانغۇچ مەكتەپتە 1405 نەپەرگە، تولۇقسز ئوتتۇرا مەكتەپتە 529 نەپەرگە، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە
73 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپتە 32 نەپەرگە، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردە 11 نەپەرگە يەتتى.