Uyghurئاساسىي لۇغەت
گېموگلوبىن
بىئولوگىيە
مولېكۇلا ئېغىرلىقى 65000، شارسىمان تۈزۈلۈشلۈك بولۇپ، ئەڭ ئاددىي بولغان ئولىگو ئاقسىللارنىڭ بىرى. ئۇ تۆت دانە سۇب رادىكال (ئىككى تال α زەنجىر، ئىككى تال β زەنجىر) دىن تۈزۈلىدۇ. ھەر بىر سۇب رادىكالىدا بىر دانە ياردەمچى رادىكالى گېماتىن بولۇپ، سۇب رادىكاللىرىغا كوردىناتلىق باغ بىلەن تۇتىشىدۇ. گېماتىندىكى ئىككى ۋالېنتلىق تۆمۈر ئىئونى ئوكسىگېن بىلەن قايتما ھالدا بىرىكىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئارقىلىق ئوكسىگېن توشۇلىدۇ. شۇڭا گېموگلوبىننى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە ئادەم تېنىدە ئوكسىگېننى توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئاقسىل دەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ يەنە قاننىڭ PH قىممىتىنى تەڭشەش رولى بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بوتانىكا
قان سۇيۇقلۇقىدىكى تەركىبىدە تۆمۈر بىلەن ئاقسىل بولغان قىزىل رەڭلىك بىرىكمە. ئۇ ئوكسىگېن ياكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن ئاسان بىرىكىدۇ ھەم ئاسان ئاجرىلىدۇ. قان سۇيۇقلۇقى گېموگلوبىننىڭ ياردىمى بىلەن ئۆپكە پۈۋەكچىسى ئىچىدىن ئوكسىگېننى قوبۇل قىلىپ، بەدەننىڭ ھەربىر توقۇلمىلىرىغىچە يەتكۈزىدۇ ۋە بەدەننىڭ ھەربىر توقۇلمىلىرىدىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئۆپكىگە ئېلىپ كېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىدۇ. قاننىڭ قىزىل بولۇشى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.