Uyghurئاساسىي لۇغەت
گلوبىن
بىئولوگىيە
گېموگلوبىننى تۈزگۈچى سۇب رادىكالى. ساغلام چوڭ ئادەملەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىدىكى %97 گېموگلوبىن ئىككى دانە α - گلوبىن (α - زەنجىر دەپ ئاتىلىدۇ) ۋە ئىككى دانە β - گلوبىن (β - زەنجىر دەپ ئاتىلىدۇ) دىن تۈزۈلىدۇ a - گلوبىننىڭ تەركىبىدە 141 دانە ئامىنو كىسلاتاسى بولىدۇ، β - گلوبىن 146 دانە ئامىنو كىسلاتا قالدۇقىدىن تۈزۈلىدۇ. ئىككى خىل گلوبىندىكى ئامىنو كىسلاتالىرىنىڭ قاتارى (تەركىبى) ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن بۇرمىلىق تۈزۈلۈشى % 75 بولۇپ، قاتلىنىش ئۇسۇلىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پۈتۈن پېپتىد زەنجىرى سەككىز دانە پېپتىد بۆلىكىگە قاتلىنىدۇ. ھەر قايسى بۆلەكلىرىنىڭ ئارىلىقىدا ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئوخشاشمايدىغان بۇرمىسىز رايونلىرى بولىدۇ. تۆت دانە سۇب رادىكالى پولىمېرلىشىپ سىممېترىك بولغان شارسىمان گېموگلوبىن مولېكۇلىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئىككىلەمچى باغلار، مەسىلەن، ھىدروگېنلىق باغ، تۇز ھاسىل قىلىدىغان باغ قاتارلىقلار ئارقىلىق مولېكۇلىنىڭ تۇراقلىق كونفورماتسىيىنى ساقلايدۇ. ھەر بىر گلوبىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا ياردەمچى رادىكالى گېماتىن بىلەن بىرىكىدۇ، پىگمېنت قاتلانغان سۇغا يات رايونغا ئورىلىپ تۇرىدۇ - دە FE ++ ئوكسىدلىنىشتىن ساقلىنىپ ۋالېنتى ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ. ئىككى ۋالېنتلىق تۆمۈر ئاتومى ئوكسىگېن بىلەن قايتما ھالدا بىرىكىشى، تۆت دانە گلوبىن مولېكۇلىلىرىنىڭ پولمېرلىنىپ، گېماتىن بىلەن مەخسۇس بىرىكىشى گېموگلوبىننىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى مەخسۇس نازۇك بوشلۇقتىكى كونفورماتسىيىسىنى تۈزۈشى، ئۇنىڭ ئاللوستىرىك ئېففېكتىنىڭ ھاسىل بولۇشىنىڭ ھەمدە ئۇنىڭ ئوكسىگېن توشۇش فۇنكىسىيىسىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ مولېكۇلىلىق ئاساسىدۇر.